مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌چرىغان چوڭ قىرغىنچىلىق —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌چرىغان چوڭ قىرغىنچىلىق —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 2023-‏يىلى،‏ 27-‏يانۋار كۈنى،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌چرىغان چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلە‌ش كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ.‏ 75 يىل ئىلگىرى يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌ھشىيلىكلە‌ر،‏ بە‌لكىم سىزنى مۇ‌نۇ سوئال ئۈسىتىدە ئويلاندۇ‌رىدىغاندۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئاشۇ چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان؟‏».‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏نېمە ئۈچۈن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌نى توختاتمىغان؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

 يە‌ھۇ‌دىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇ‌ربانلىرى بولۇ‌پ،‏ ئېغىر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر مە‌قسە‌تلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگە‌ن ئىدى.‏ باشقا توپلارغا تە‌ۋە كىشىلىرىمۇ چوڭ قىرغىنچىلىق مە‌زگىلىدە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراپ ئۆلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئارىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ھايات كە‌چۈرىدىغان ئىمان-‏ئېتىقادلىق يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ بار ئىدى.‏

  •   بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن،‏ «‏يە‌ھۇ‌دىيلار چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇ‌چرىغان مە‌زگىلدە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا نېمە بولغان؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كېلە‌چە‌ك ۋە ئۈمىد

 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌چرىغان چوڭ قىرغىنچىلىققا ئوخشاش پاجىئە‌لىك ۋە‌قە‌نىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.‏ خۇ‌شاللىنارلىق يېرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ كېلە‌چە‌كتە يۈز بە‌رمە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏

  •   ««چۈنكى،‏ مە‌ن سىلە‌ر ھە‌ققىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ياخشى بىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ يە‌ھۋا،‏ «سىلە‌رگە پالاكە‌ت ئە‌مە‌س،‏ تىنچلىقنى،‏ كېلە‌چە‌ك ۋە ئۈمىد بېرىشنى ئويلاۋاتىمە‌ن»».‏—‏يە‌رە‌مىيا 29:‏11‏.‏ a

 يە‌ھۋا خۇ‌دا يامانلىقنى يوق قىلىدۇ ۋە دۇ‌نيادا پە‌يدا بولغان بارچە بۇ‌زغۇ‌نچىلىقلارنى تۈزە‌پ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ بۇ ئۈمىد رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز پات يېقىندا مۇ‌نۇ‌لارنى قىلماقچى:‏

  •   باشقىلارغا يامانلىق قىلغۇ‌چىلارنى يوق قىلىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏22‏.‏

  •   بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رنىڭ قە‌لب يارىلىرىنى ساقايتىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4‏.‏

  •   ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏.‏

 سىز تە‌سە‌للى بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈمىدكە ئىشىنە‌لە‌يسىز.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ھە‌قسىز بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏

a يە‌ھۋا دېگە‌ن خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18‏.‏