كىرىش سۆز
نىكاھ ۋە ئائىلە قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ قىيىن زاماندا ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ بەخت ئۆز-ئۆزىدىن كەلمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ياردەمسىز قالمىدۇق. گەرچە بۇ كىتابچىنى ئائىلىۋى ھاياتنىڭ تولۇق قوللانمىسى دەپ ئاتاشقا بولمىسىمۇ، ئۇنىڭدا مۇقەددەس كىتابتىن ئېلىنغان مەزمۇت پرىنسىپلار مۇلاھىزە قىلىنىپ، ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئەمەل قىلساق، ئۇلار ئائىلىمىزنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.