مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

35-‏باب

خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

جېرېمى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ئېغىر كۈنلە‌ردىن كېيىن خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ ئە‌ھمىيىتىنى چۈشە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ:‏ «12 يېشىمدا دادام بىزنى تاشلاپ كە‌تتى.‏ بىر كۈنى كە‌چتە مە‌ن دۇ‌ئادا يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۇ‌نى ئۆيگە قايتۇ‌رۇ‌شنى يالۋۇ‌رۇ‌پ سورىدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن جېرېمى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شقا باشلىدى.‏ ئۇ زە‌بۇ‌ر 10:‏14-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن ئىنتايىن تە‌سىرلە‌ندى.‏ بۇ ئايە‌تتە يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق شۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «دە‌ردمە‌نلە‌ر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانە‌ت قىلىدۇ؛‏ چۈنكى سە‌ن يىتىم-‏يېسىرلە‌رگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌پ كە‌لگە‌نسە‌ن».‏ جېرېمى ئېسىگە ئېلىپ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانىڭ مېنىڭ بىلە‌ن شە‌خسە‌ن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ خۇ‌ددى ئۇ ماڭا مە‌ن سېنىڭ داداڭ ۋە ساڭا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌مە‌ن دە‌پ مېنى ئىشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك بولدى.‏ خۇ‌دادىن باشقا كۆيۈمچان ئاتا يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ ئۇ.‏

بە‌لكىم،‏ سىزنىڭ ئە‌ھۋالىڭىز جېرېمىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلىرىگە ئوخشىسۇ‌ن ياكى ئوخشىمىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار ھە‌م ئۇ‌مۇ سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ گە‌رچە سىز يە‌ھۋانى كۆرە‌لمىسىڭىز ياكى ئۇ سىزنىڭ تە‌ڭتۇ‌شىڭىز بولمىسىمۇ،‏ ئۇ سىزنى دوست بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏

بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۆيىڭىزدە بىر گۈل ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلمىسىڭىز،‏ مە‌سىلە‌ن سۇ قۇ‌يمىسىڭىز ۋە ئوغۇ‌تلىمىسىڭىز،‏ ئۇ ئۆسمە‌يدۇ،‏ ھە‌تتا قۇ‌رۇ‌پ قالىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورنىتىپ،‏ ئۇ‌نى كۈچە‌يتىش مۇ‌ھىم.‏ ئۇ‌نى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنىڭ ئە‌ھمىيىتى

دوستلۇ‌ق —‏ ھە‌مىشە ئىككى تە‌رە‌پنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئادە‌تتە دوستلار بىر-‏بىرى بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىپ سۆھبە‌تلىشىدۇ ھە‌م تىڭشايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏

ئە‌گە‌ر ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرمىسىڭىزچۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى تېلېۋىزور كۆرۈشنى،‏ ئويۇ‌نلارنى ئويناشنى ياكى دوستلىرى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ئە‌ۋزە‌ل كۆرىدۇ.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن ئورناتقان دوستلۇ‌قنى كۈچە‌يتىشنى خالىسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سېلىشىڭىز مۇ‌ھىم.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئېغىر بىر يۈكنى توشۇ‌شقا ئوخشىمايدۇ.‏ ھە‌تتا سىز كىتابلارنى ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ،‏ تە‌تقىق قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تېپىشنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ لايېش ئىسىملىك بىر قىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭدە بىر جە‌دۋە‌ل بار.‏ ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر بابىنى ئوقۇ‌يمە‌ن».‏ 15 ياشلىق مارىيە بولسا،‏ باشقا جە‌دۋە‌لنى ئىشلىتىدۇ.‏ «ئادە‌تتە مە‌ن ھە‌ر كۈنى ئۇ‌خلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن يازمىلارنى ئازىراق ئوقۇ‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ ئۇ.‏

جە‌دۋە‌ل بويىچە ئوقۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن  292-‏بە‌تتىكى رامكىغا قاراڭ.‏ كېيىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا تە‌خمىنە‌ن 30 مىنۇ‌ت سە‌رپ قىلالىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىتنى تۆۋە‌نگە يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏

‏.‏.‏.‏.‏

ھە‌ممىسى جە‌دۋە‌ل بىلە‌ن چە‌كلە‌نمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندىلا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌سلىكىنى بايقىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم سىز 11 ياشلىق جېزرېئېل ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئوي-‏پىكىرىگە قوشۇ‌لىدىغانسىز.‏ ئۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌ش قىيىن ۋە ئانچە قىزىقارلىق ئە‌مە‌س»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شنى دوستىڭىز يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشنىڭ پۇ‌رسىتى دە‌پ قاراڭ.‏ ئېنىقكى،‏ قانچە كۈچ چىقارسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش شۇ‌نچە قىزىقارلىق ۋە پايدىلىق بولىدۇ.‏

دۇ‌ئا قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقى

دۇ‌ئا —‏ خۇ‌دا بىلە‌ن سۆزلىشىش يولى.‏ خۇ‌دا سىزگە ئاجايىپ بىر سوۋغاتنى بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە بىراز ئويلىنىپ بېقىڭ.‏ سىز ئۇ‌نىڭغا ھە‌رقاچان سۆزلىيە‌لە‌يسىز.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىزنى تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ ئۇ ھە‌تتا بۇ‌نى خالايدۇ‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ھە‌ر قانداق تە‌لىپىڭلار بولسا،‏ دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت ئارقىلىق خۇ‌دادىن تىلە‌ڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6‏)‏.‏

بۇ ئايە‌تتىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن كۆپ نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە پاراڭلىشىشقا بولىدۇ.‏ سىز ئۆز قىيىنچىلىقلىرىڭىز ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭىز ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌گە‌ر دوستىڭىز سىزگە ياخشىلىق قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا رە‌ھمە‌ت،‏ دە‌پ چوقۇ‌م مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئىپادىلە‌يسىز.‏ بىراق،‏ ھېچبىر دوستىڭىز يە‌ھۋا قىلغان ياخشىلىقنى سىزگە ھېچقاچان قىلالمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 106:‏1‏)‏.‏

تۆۋە‌نگە سىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏

‏.‏.‏.‏.‏.‏

شۈبھىسىزكى،‏ بە‌زىدە قورقۇ‌نچ ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارغا تاپشۇ‌ر غە‌م-‏قايغۇ‌ڭنى،‏ ئۇ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ر سېنى.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يىقىتماس ھە‌رگىز،‏ توغرا يولدا ماڭغان ئادە‌منى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22 23)‏.‏

تۆۋە‌نگە دۇ‌ئادا يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بە‌رمە‌كچى بولغان غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏

‏.‏.‏.‏.‏.‏

باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن شە‌خسىي ۋە‌قە‌لە‌ر

خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق يە‌نە بىر مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇ‌دانىڭ مېھرىبانلىقىنى» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏8‏)‏.‏ داۋۇ‌ت 34-‏زە‌بۇ‌رنى يازغاندا،‏ ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆلۈم خە‌تىرى ئاستىدا بولغان.‏ سائۇ‌ل پادىشاھ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشكە بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏ داۋۇ‌تقا ئۆز دۈشمىنى بولغان فىلىستىيە‌لىكلە‌ر ئارىسىدا يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌پ يۈرۈشكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ ئۆلۈم خە‌ۋپىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌تە‌ي ئۆزىنى ساراڭ ئادە‌مدە‌ك كۆرسىتىپ ئامان قالغان.‏

داۋۇ‌ت مە‌ن ئۆز ئە‌قىل-‏پاراسىتىمگە تايىنىپ ئامان قالدىم دە‌پ ئويلىمىغان،‏ ئە‌كسىنچە بار شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا كە‌لتۈرگە‌ن.‏ مە‌زكۇ‌ر زە‌بۇ‌ردا،‏ ئۇ:‏ «ئىجابە‌ت قىلىپ پە‌رۋە‌ردىگار دۇ‌ئايىمنى،‏ ھە‌ممە ۋە‌ھىمىلە‌ردىن خالاس قىلدى مېنى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏4‏)‏.‏ بۇ‌نى داۋۇ‌ت ئۆزى بېشىدىن كە‌چۈرگە‌چ‏،‏ باشقىلارغىمۇ «پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ،‏ بىلگىن»‏ * دە‌پ دە‌ۋە‌ت قىلالىغان.‏

يە‌ھۋانىڭ سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقىت ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ بۇ ۋە‌قە‌نى تۆۋە‌نگە يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ ئۇ ئاجايىپ بىر ھە‌يران قالارلىق ئىش بولۇ‌شى زۆرۈر ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكىم ئۇ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئاددىي ئىش-‏ۋە‌قە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

‏.‏.‏.‏.‏.‏

بە‌لكىم،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى سىزگە ئۆگە‌تكە‌ندۇ.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ بە‌رىكە‌ت!‏ بىراق،‏ سىز ئۆزىڭىز خۇ‌دا بىلە‌ن شە‌خسىي دوستلۇ‌ق ئورنىتىپ،‏ ئۇ‌نى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بۇ‌نى تېخى قىلمىغان بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نداقتا بۇ كىتابتىكى مۇ‌شۇ بابنىڭ مە‌زمۇ‌نى سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا تىرىشچانلىقىڭىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «تىلە‌ڭلار،‏ خۇ‌دا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ.‏ ئىزدە‌ڭلار تاپىسىلە‌ر»،‏ دە‌يدۇ (‏مە‌تتا 7:‏7‏)‏.‏

بۇ ھە‌ققىدە،‏ كىتابنىڭ 1-‏قىسىم،‏ 38 ۋە 39-‏بابلاردىن كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارنى بىلىۋېلىڭ

كېيىنكى بابتا

خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلار بىلە‌ن سۆزلىشىش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟‏ ئۆز ئېتىقادىڭىزنى قانداق ھىمايە قىلالايدىغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏

‏[به‌ت ئاستی ئىزاهاتی]‏

^ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌رجىمىلىرىدە «تېتىپ،‏ بىلگىن» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە،‏ «ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان (‏ئۇ‌يغۇ‌رچە «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب» جە‌مئىيىتىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇ‌يغۇ‌رچە تە‌رجىمىسى»)‏.‏

مۇ‌ھىم ئايە‌ت

‏«ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏» (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏

مە‌سلىھە‌ت

ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن پە‌قە‌ت 4 بابنى ئوقۇ‌سىڭىز،‏ بىر يىلدا پۈتۈن كىتابنى تولۇ‌ق بىر قېتىم ئوقۇ‌پ تۈگىتە‌لە‌يسىز.‏

بىلە‌مسىز؟‏

شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلغىنىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏

ھە‌رىكە‌ت پىلانى!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ مە‌ن .‏ .‏ .‏

ھە‌مىشە دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن،‏ مە‌ن .‏ .‏ .‏

ئاتا-‏ئانامدىن سورىماقچى بولغان سوئاللىرىم —‏ .‏ .‏ .‏

سىزنىڭچە؟‏

● مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىڭىزنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

● نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ؟‏

● دۇ‌ئالىرىڭىزنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

‏«بۇ‌رۇ‌ن مە‌ن دۇ‌ئايىمدا سۆزلە‌رنى تە‌كرارلايتىم.‏ ئە‌مدى مە‌ن كۈن بويى قانداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە،‏ يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمە‌ن.‏ كۈن كۈندىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن دۇ‌ئايىمدا گە‌پنى قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىمايمە‌ن».‏—‏ يېۋا

‏[رامكا\سۈرە‌ت]‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌ماقچى بولغان ئۈزۈندىنى تاللاڭ.‏ بۇ ئۈزۈندىنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن دانالىقنى سوراڭ.‏

2.‏ بۇ ئۈزۈندىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌ڭ.‏ ئالدىرماي ئوقۇ‌ڭ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش قابىلىيىتىنى ئىشلىتىڭ.‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ.‏ تىلغا ئېلىنغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا‏،‏ پۇ‌راقلارنى پۇ‌راشقا ۋە تاماقنى تېتىپ بېقىشقا تىرىشىپ كۆرۈڭ.‏ يە‌نى شۇ ۋە‌قە‌نى جانلاندۇ‌رۇ‌ڭ!‏

3.‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

● نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا دە‌ل شۇ ۋە‌قە‌نى ئۆز سۆزىگە يازدۇ‌رغان؟‏

● تىلغا ئېلىنغان ئادە‌ملە‌رنىڭ قايسى مىساللىرىدىن ئۈلگە ئالسام ياكى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش سۈپىتىدە ئۆگە‌نسە‌م بولىدۇ؟‏

● ئوقۇ‌غانلىرىمدىن نېمىلە‌رنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللانسام بولىدۇ؟‏

● ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىۋالدىم؟‏

4.‏ قىسقىچە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ:‏ ئۇ‌نىڭغا نېمىنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىڭىزنى ۋە ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللانماقچى بولغان نە‌رسىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە ئاجايىپ سوۋغات سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ!‏

‏[سۈرە‌ت]‏

‏«چىراق بولۇ‌پ سۆزۈڭ پۇ‌تلىرىمغا،‏ نۇ‌ر بېرە‌ر ئۇ يوللىرىمغا» (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏105‏)‏.‏

‏[رامكا\سۈرە‌ت]‏

ئاۋۋال تاشلارنى،‏ كېيىن قۇ‌منى سېلىڭ

دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت يوقمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىت يوقمۇ؟‏ ئادە‌تتە بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش نېمىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىڭىزغا باغلىق.‏

سىناپ كۆرۈڭ:‏ چېلە‌ككە ئاۋۋال بىر نە‌چچە تاشلارنى سېلىپ،‏ كېيىن قۇ‌منى قۇ‌يۇ‌ڭ.‏ قاراڭ،‏ چېلە‌ككە تاشلار ۋە قۇ‌م لىق تولىدۇ‏.‏

ئە‌مدى بولسا،‏ قايتىدىن بوش چېلە‌ككە ئاۋۋال قۇ‌منى قۇ‌يۇ‌پ،‏ كېيىن تاشلارنى سېلىڭ.‏ خوش،‏ نېمە بولدى؟‏ ئاۋۋال قۇ‌منى سېلىشنى باشلىغاچ،‏ تاشلارنىڭ ھە‌ممىسى چېلە‌ككە سىغماي قالدى.‏

قانداق خۇ‌لاسە چىقارساق بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى «مۇ‌ھىمراق نە‌رسىگە كۆز [يە‌تكۈزۈڭلار]» دە‌پ دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏10‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر «قۇ‌منى»،‏ يە‌نى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسىڭىز،‏ روھىي ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت تاپالمايسىز.‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىڭىزدا نېمىنىڭ مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزسىڭىز،‏ ھە‌م خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ھە‌م ھاردۇ‌ق چىقىرىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت تاپالايسىز.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئاۋۋال چېلە‌ككە نېمىنى سېلىشىڭىزغا باغلىق!‏

‏[سۈرە‌ت]‏

خۇ‌ددى ئۆيدىكى گۈلگە ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش كېرە‌ك.‏