مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

17-‏تە‌تقىق ماقالىسى

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

روھىي جە‌ننە‌تتىن مە‌ڭگۈ ئايرىلماڭ

روھىي جە‌ننە‌تتىن مە‌ڭگۈ ئايرىلماڭ

‏«مە‌ن يارىتىۋاتقان نە‌رسىلىرىم ئۈچۈن مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌پ،‏ سۆيۈنۈڭلار»‏‏.‏—‏يە‌شايا 65:‏18‏.‏

مە‌كىزى ئىدىيە

بىز ئۈچۈن روھىي جە‌ننە‌تنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى ۋە باشقىلارنى ئۇ‌نىڭغا قانداق جە‌لپ قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ روھىي جە‌ننە‌ت دېگە‌ن نېمە ۋە نېمىلە‌رگە قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ر يۈزىدە سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىكى جە‌ننە‌تتە بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ۋاتقان مىليونلىغان كىشىلە‌ر ھە‌قىقىي تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق ئۆتۈپ،‏ بىرلىكتە كۆپلىگە‌ن مە‌نىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ روھىي جە‌ننە‌تتىن ئايرىلماسلىققا قە‌تئىي بە‌ل باغلىغان.‏ ئۇ‌لار يە‌نە ئىمكانقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كىشىلە‌رنىڭ ئۆزلىرىگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ مۇ‌شۇ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە تولغان روھىي جە‌ننە‌تتە a بىرلىكتە خۇ‌داغا پاك ئىبادە‌ت قىلىشىنى خالايدۇ.‏

2.‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟‏

2 شە‌يتاننىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدىكى بۇ دۇ‌نيا خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر،‏ ئۆچمە‌نلىك ۋە تۈرلۈك رە‌زىللىكلە‌ر بىلە‌ن تولغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقى ئۈچۈن تىنچ-‏خاتىرجە‌م،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاق بىر مۇ‌ھىتنى ياراتقان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 12:‏12‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ زىيانلىق تە‌سىرىنى كۆرگە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز،‏ بىزنى روھىي جە‌ننە‌ت ئارقىلىق قوغداپ كېلىۋاتقاچقا،‏ بىز خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ روھىي جە‌ننە‌تنى بىخە‌تە‌ر «پاناھگاھ» ۋە «ياخشى سۇ‌غۇ‌رۇ‌لغان بىر باغ» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏يە‌شايا 4:‏6؛‏ 58:‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتى ئارقىلىق بۇ روھىي جە‌ننە‌تتە ياشايدىغانلار،‏ قىيىن كۈنلە‌ردە ئۆزىنى بە‌ختلىك ۋە بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏—‏يە‌شايا 54:‏14؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏.‏

3.‏ يە‌شايا 65-‏بابتا يېزىلغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر بىرىنچى قېتىم قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

3 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىكى روھىي جە‌ننە‌تتە ياشىغانلارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بۇ بېشارە‌تنى يە‌شايا كىتابىنىڭ 65-‏بابىدىن تاپالايسىز.‏ بۇ بېشارە‌ت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 537-‏يىلى تۇ‌نجى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏ شۇ ۋاقىتتا توۋا قىلغان يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلدىكى ئە‌سىرلىكتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتى ۋە ياردىمى بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌يران بولغان شە‌ھىرى يېرۇ‌سالىم ۋە ئىبادە‌تخانىسى قايتا ياسىلىپ،‏ گۈزە‌ل ھالە‌تكە كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ شە‌ھە‌ر قايتا ھە‌ق ئىبادە‌تنىڭ مە‌ركىزىگە ئايلانغان.‏—‏يە‌شايا 51:‏11؛‏ زە‌كە‌رىيا 8:‏3‏.‏

4.‏ يە‌شايا 65-‏بابتا يېزىلغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ؟‏

4 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بۇ بېشارىتى 1919-‏يىلى،‏ يە‌ھۋانىڭ ھازىرقى خە‌لقى بۈيۈك بابىلوننىڭ ئە‌سىرلىكىدىن ئازاد قىلىنغاندا ئە‌مە‌لگە ئاشتى.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ روھىي جە‌ننە‌ت دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا كېڭىيىشكە باشلىدى.‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قىزغىن ۋە‌ز ېيتقۇ‌چىلار دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا نۇ‌رغۇ‌ن جامائە‌تلە‌رنى قۇ‌ردى ۋە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈردى.‏ ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلاردە‌ك ۋە‌ھشىي بولغان ئادە‌ملە‌ر «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شە‌خسنى» كىيىپ،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى ئۆزگە‌رگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏24‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌شايا تە‌سۋىرلىگە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا ھە‌قىقىي مە‌نىدە پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز بۈگۈنكى كۈندە بە‌زى بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ كېلىۋاتىمىز.‏ ھازىر بىرلىكتە،‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ھە‌رگىز ئايرىلماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

روھىي جە‌ننە‌تتە بولغانلار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟‏

5.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يە‌شايا 65:‏13-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌تتە ۋە‌دە قىلغان بە‌زى بە‌رىكە‌تلىرىنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

5 مول روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ،‏ كۆڭلى تە‌سە‌للى تاپىدۇ.‏ يە‌شايانىڭ بېشارىتى روھىي جە‌ننە‌تتە ياشايدىغانلار بىلە‌ن روھىي جە‌ننە‌تنىڭ سىرتىدا ياشايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا روشە‌ن پە‌رق بارلىقىنى تە‌سۋىرلە‌پ بە‌رگە‌ن ‏(‏يە‌شايا 65:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ،‏ ئۇ‌لارنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدۇ.‏ ئۇ بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھى،‏ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ‹بىز يە‌يمىز،‏ ئىچىمىز ۋە شادلىنىمىز› (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 22:‏17-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ سىرتىدىكىلە‌رنىڭ ھاياتى تامامە‌ن باشقىچە بولىدۇ.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر ‹ئاچ قالىدۇ،‏ ئۇ‌سسايدۇ،‏ شە‌رمە‌ندە بولىدۇ›.‏ ئۇ‌لار روھىي جە‌ھە‌تتىن ئىنتايىن نامرات.‏—‏ئاموس 8:‏11‏.‏

6.‏ يوئېل 2:‏21–‏24 ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌تكە ئاساسلىنىپ،‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى روھىي جە‌ھە‌تتىن قانداق تە‌مىنلە‌ۋاتىدۇ ۋە بۇ‌نىڭدىن قانداق پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

6 يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر بېشارىتىدە،‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا چوقۇ‌م بولۇ‌شى زۆرۈر نە‌رسىلە‌رنى،‏ يە‌نى ئاشلىق-‏دان،‏ ئۈزۈم شارابى ۋە زە‌يتۇ‌ن يېغى قاتارلىق يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ سېخىيلىق بىلە‌ن ئۆز خە‌لقىنى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئوزۇ‌قلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن روھىي ئوزۇ‌قلارنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ (‏يوئېل 2:‏21–‏24‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شرىي ماتېرىياللار،‏ تور بېكە‌ت،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشى،‏ بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ئارقىلىق بىزگە روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدۇ.‏ بىز بۇ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلاردىن ھە‌ر كۈنى بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ئۆزىمىزنى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئىنتايىن ساغلام ۋە كۆڭلىمىز تە‌سە‌للى تاپقاندە‌ك ھېس قىلالايمىز.‏

7.‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغان كۆڭلىمىز بىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 65:‏14‏)‏

7 خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ۋە قانائە‌ت تاپىدۇ.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۆڭلى قانائە‌ت تاپقاچ،‏ ئۆزلىرىنى شاد-‏خۇ‌رام ھېس قىلىدۇ ‏(‏يە‌شايا 65:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌ر،‏ تە‌سە‌للى بېرىدىغان ۋە‌دىلە‌ر ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا بىز ئېرىشكە‌ن ئۈمىد كۆڭلىمىزنى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولدۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار ھە‌ققىدە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ ئۆزىمىزنى ئىنتايىن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھېس قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏8؛‏ 133:‏1–‏3‏.‏

8.‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ قانداق ئىككى مۇ‌ھىم ئالاھىدىلىكى بار؟‏

8 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق روھىي جە‌ننە‌تتە ياشايدىغانلارنىڭ ئە‌ڭ روشە‌ن ئالاھىدىلىكى.‏ بۇ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق رىشتىسى بىزگە يېڭى دۇ‌نيادا ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ھازىرقىدىنمۇ بە‌كرە‌ك ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏14‏)‏.‏ بىر قېرىنداش تۇ‌نجى قېتىم ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ نېمىلە‌رنى ھېس قىلغانلىقىنى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌يدۇ:‏ «مە‌ن قانداق خۇ‌شال بولۇ‌شنى بىلمىگە‌ن،‏ ھە‌تتا ئائىلە‌مدىكىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولغاندىمۇ ئۆزۈمنى ئۇ‌نداق خۇ‌شال ھېس قىلمىغانىدىم.‏ تۇ‌نجى قېتىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى كۆرگە‌ندە،‏ بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان كىشىلە‌رنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم».‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىقنى تېپىپ،‏ قانائە‌ت ھېس قىلىشنى خالىسا،‏ ئاشۇ كىشى بىزنىڭ روھىي جە‌ننە‌تتىكى ھاياتىمىزنى ئۆز بېشىدىن كە‌چۈرۈپ كۆرۈشى كېرە‌ك.‏ بۇ دۇ‌نيا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە نېمە دېيىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانىڭ چوڭ ئائىلىسىدە ياخشى نام-‏ئاتاققا ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌ر.‏ چۈنكى،‏ بىز ئۈچۈن دۇ‌نيانىڭ كىشىلىرىنىڭ نېمە دېيىشى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س.‏—‏يە‌شايا 65:‏15‏.‏

9.‏ يە‌شايا 65:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ردىن خالى ھايات توغرىسىدا نېمە دە‌يدۇ؟‏

9 كۆڭلى ئارام تېپىپ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولىدۇ.‏ يە‌شايا 65:‏14-‏ئايە‌ت‏،‏ روھىي جە‌ننە‌تنىڭ سىرتىدا بولغانلار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سىلە‌ر قە‌لبىڭلاردىكى دە‌رد-‏ئە‌لە‌م تۈپە‌يلى،‏ ھۆڭرە‌پ يىغلايسىلە‌ر».‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌رنى كە‌لتۈرۈۋاتقان بارلىق ئىشلار ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏ بارلىق ئاشۇ ئىشلار ھە‌ققىدە خۇ‌دا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ كېتە‌ر ۋە ئۇ‌لار كۆز ئالدىمدىن غايىب بولۇ‌پ كېتە‌ر» ‏(‏يە‌شايا 65:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلىپ،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا بارلىق ئازابلىق ئە‌سلىمىلىرىمىز پۈتۈنلە‌ي ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ كېتىلىدۇ.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى بە‌رىكە‌ت دە‌پ قارايسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 بىز ھازىر جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقىنىمىزدا،‏ كۆڭلىمىز ئارام تېپىپ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ھېس قىلغاچ،‏ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيادىكى ئېغىر بېسىملارنى ئارقىمىزغا تاشلاپ قويالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرسە‌ك،‏ سۆيگۈ،‏ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مېھرىبانلىق،‏ ياخشىلىق،‏ ئىمان قاتارلىق گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى نامايان قىلىپ،‏ روھىي جە‌ننە‌تتە ئىمانداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلىشىغا ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا تە‌ۋە بولغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بە‌ختلىك ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز روھىي جە‌ننە‌تتىن ئايرىلمىساق،‏ خۇ‌دانىڭ «يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى يە‌ر» ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىسىنىڭ تولۇ‌ق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرىمىز.‏

روھىي جە‌ننە‌تتە بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌ش بە‌خت-‏بە‌رىكە‌تتۇ‌ر (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c


11.‏ يە‌شايا 65:‏18،‏ 19-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا ياراتقان روھىي جە‌ننە‌ت بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

11 مىننە‌تدار ۋە شاد-‏خۇ‌رام بولىدۇ.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر نېمە ئۈچۈن روھىي جە‌ننە‌تتە شاد-‏خۇ‌رام بولالايدىغانلىقىمىزنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۆزى بۇ جە‌ننە‌تنى ياراتقان ‏(‏يە‌شايا 65:‏18،‏ 19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ بىزنى ئىشلىتىپ،‏ كىشىلە‌رنى روھىي جە‌ھە‌تتىن چۆل-‏قاقاس بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن بۇ دۇ‌نيادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ گۈزە‌ل روھىي جە‌ننە‌تكە يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س!‏ بىز ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولغاچقا،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ۋە قانائە‌تكە ئېرىشىۋاتىمىز.‏ بۇ ئېسىل بە‌رىكە‌تلە‌ردىن باشقىلار بىلە‌ن تە‌ڭ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شقا ئىنتايىن ئىنتىزارمىز.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 31:‏12‏.‏

12.‏ يە‌شايا 65:‏20–‏24-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ۋە‌دىلە‌ر سىزنى قانداق ھېس قىلدۇ‌رىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

12 بىز روھىي جە‌ننە‌تتە ياشاۋاتقانلارنىڭ مىننە‌تدار ۋە شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزغا سە‌ۋە‌ب بولىدىغان ئاجايىپ ئۈمىدىمىز بار.‏ خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسىدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىلە‌رنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ كېلە‌چىكىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىدۇ:‏ «ئۇ يە‌ردە بىرقانچە كۈنلا ياشاپ،‏ ئۆلۈپ كېتىدىغان بوۋاق ياكى ئۆمرىنى ياشىماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆلۈپ كېتىدىغان بوۋاي بولمايدۇ».‏ «ئۇ‌لار ئۆيلە‌رنى سېلىپ،‏ ئۇ‌لاردا ئۆزلىرى ئولتۇ‌رىدۇ.‏ ئۈزۈمزارلىقلارنى بە‌رپا قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېۋىسىنى يە‌يدۇ»،‏ «ئۇ‌لار بىكاردىن-‏بىكارغا جاپالىق ئىشلىمە‌يدۇ»،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنى «يە‌ھۋا بە‌رىكە‌تلىگە‌ن».‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئە‌نە شۇ‌نداق بىخە‌تە‌ر ۋە قانائە‌تلىنە‌رلىك ھايات كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزنى ۋە‌دە قىلغاچ،‏ ھە‌ر كۈنى مە‌نىلىك ياشايمىز.‏ بىز «ھە‌تتا چاقىرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن»،‏ ئۇ ھە‌ر بىرىمىزنىڭ نېمىگە مۇ‌ھتاج بولغىنىنى بىلىدۇ. ئۇ «ھە‌ربىر جانلىقنىڭ تە‌شنالىقىنى» قاندۇ‌رىدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏20–‏24؛‏ زە‌بۇ‌ر 145:‏16‏.‏

13.‏ يە‌شايا 65:‏25-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر،‏ ئىنسانلار يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغاندا،‏ ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىدىغانلىقىنى قانداق تە‌سۋىرلە‌پ بېرىدۇ؟‏

13 تىنچ-‏ئىناق ۋە بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمىدە،‏ ئىلگىرى ۋە‌ھشىي ھايۋانلاردە‌ك مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى بار نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر ھاياتىدا ھە‌يران قالارلىق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ‏(‏يە‌شايا 65:‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار ئىلگىرىكى ناچار مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىنى پۈتۈنلە‌ي تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏22–‏24‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى يە‌نىلا مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇ‌رىمىز.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ھە‌رخىل كىشىلە‌رنى بىر يە‌رگە جە‌م قىلىپ،‏ ئۈزۈلمە‌س سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق رىشتىسى بىلە‌ن بىرلە‌شتۈرگە‌ن (‏تىتۇ‌س 2:‏11‏)‏.‏ بۇ پە‌قە‌تلا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا قىلالايدىغان مۆجىزىدۇ‌ر!‏

14.‏ يە‌شايا 65:‏25-‏ئايە‌تتىكى ۋە‌دە بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىدا قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشتى؟‏

14 ئادە‌ملە‌ر مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆزگە‌رتە‌لە‌مدۇ؟‏ تۆۋە‌ندىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ تېخى 20 ياشقا تولمىغان بىر ياش ئە‌خلاقسىزلىق ۋە زوراۋانلىق قىلىش،‏ ماشىنا ئوغرىلاش،‏ ئۆيلە‌رگە ئوغرىلىققا چۈشۈش ۋە باشقا ئېغىر جىنايە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزۈش بىلە‌ن ئە‌يىبلىنىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم تۈرمىدە ياتقان.‏ ئۇ ھە‌ردائىم باشقىلار بىلە‌ن ئۇ‌رۇ‌ش-‏جېدە‌ل قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تۇ‌نجى قېتىم ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلاپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا باشلىغاندا،‏ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تاپقانلىقىغا،‏ يە‌نى روھىي جە‌ننە‌تنى تاپقانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌شايا 65:‏25-‏ئايە‌تنىڭ ئۆز ھاياتىدا قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ھە‌ققىدە دائىم ئويلانغان.‏ ئۇ ئە‌سلىدە خۇ‌ددى شىرغا ئوخشاش ۋە‌ھشىي ۋە رە‌ھىمسىز ئادە‌م ئىدى،‏ كېيىن ئۇ قوزىغا ئوخشاش ياۋاش،‏ تىنچ-‏ئىناق ياشايدىغان ئادە‌مگە ئۆزگە‌رگە‌ن.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە جە‌لپ قىلىمىز ۋە بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

15 يە‌شايا 65:‏13-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بىلە‌ن باشلىنىدۇ:‏ «ئالىي ھۆكۈمران،‏ رە‌ب يە‌ھۋا مۇ‌نداق دە‌يدۇ».‏ 25-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئاخىرلىشىدۇ:‏ «دە‌يدۇ يە‌ھۋا».‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى ھە‌ردائىم ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ (‏يە‌شايا 55:‏10،‏ 11‏)‏.‏ روھىي جە‌ننە‌ت ئاللىقاچان بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغان.‏ يە‌ھۋا خىزمە‌تچىلىرىنى ئۆزگىچە بىر قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلە‌ن باغلاپ،‏ چوڭ ئائىلىنى ياراتقان.‏ گە‌رچە بۇ زوراۋانلىققا تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ،‏ بىز بۇ ئائىلىدە مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە تىنچ-‏ئىناقلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىكتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كىشىلە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كىشىلە‌ر چوڭ ئائىلىمىزگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ بىز بىلە‌ن روھىي جە‌ننە‌تتە بولىدۇ.‏—‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏.‏

باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە قانداق جە‌لپ قىلالايمىز

16.‏ ئىنسانلارنىڭ روھىي جە‌ننە‌تتە بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

16 ھە‌ربىرىمىزنىڭ باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە جە‌لپ قىلىشتا مۇ‌ھىم رولى بار.‏ شۇ رولىمىزنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن چوقۇ‌م يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.‏ ئۇ ئە‌زە‌لدىن ھېچكىمنى ئۆز تە‌شكىلاتىغا مە‌جبۇ‌رىي سۆرە‌پ كىرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ھە‌ردائىم مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن كىشىلە‌رنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44؛‏ يە‌رە‌م.‏ 31:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە باشقا ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۆگە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر تە‌بىئىيلا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق قىلىپ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە جە‌لپ قىلالايمىز؟‏

17.‏ بىز باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە قانداق جە‌لپ قىلالايمىز؟‏

17 باشقىلارنى روھىي جە‌ننە‌تكە جە‌لپ قىلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ۋە ئۇ‌لارغا كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىش.‏ قە‌دىمقى كورىنت شە‌ھىرىدە ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلمىغان كىشىلە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار:‏ «خۇ‌دا ھە‌قىقە‌تە‌ن سىلە‌رنىڭ ئاراڭلاردا ئىكە‌ن»—‏،‏ دېيىشكە‌نىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئىبادە‌ت يىغىلىشىمىزغا كېلىشكە باشلىغانلارنىڭ شۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كېلىشىنى خالايمىز (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏24،‏ 25؛‏ زە‌كە‌رىيا 8:‏23‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «بىر-‏بىرىڭلار بىلە‌ن ئىناق ئۆتۈڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە چوقۇ‌م داۋاملىق قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏13‏.‏

18.‏ ئىنسانلارنى تە‌شكىلاتىمىزغا نېمە جە‌لپ قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

18 بىز دائىم پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىغا دىققە‌ت قىلىشىمىز لازىم.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا ئۇ‌لارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكى پۈتۈنلە‌ي يوق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ھە‌ردائىم «بىر-‏بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل بولۇ‌ڭلار،‏ … بىر-‏بىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كە‌چۈرۈڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئارىمىزدا پە‌يدا بولغان كېلىشمە‌سلىكنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت يولى بىلە‌ن ھە‌ل قىلالايمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32‏)‏.‏ بۇ كىشىلە‌رنى روھىي جە‌ننە‌تكە تېخىمۇ جە‌لپ قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە شۇ‌نداق ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ b‏.‏

روھىي جە‌ننە‌تتىن ئايرىلماڭ

19.‏ (‏1)‏ «ئۇ‌لار كە‌تكە‌نىدى،‏ قايتىپ كە‌لدى» ناملىق رامكىدا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ روھىي جە‌ننە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلىكى توغرىسىدا نېمىلە‌رنى دېگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

19 روھىي جە‌ننە‌ت ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن مىننە‌تدارمىز.‏ ئۇ ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ گۈزە‌ل،‏ ئۇ‌نىڭدا يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.‏ يە‌ھۋا بە‌رپا قىلغان بۇ روھىي جە‌ننە‌تتىن مە‌ڭگۈ مىننە‌تدار بولايلى.‏ كىمكى كۆڭۈل ئاراملىقى،‏ قانائە‌ت،‏ تىنچ-‏ئامانلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىككە ئېرىشىشنى خالىسا،‏ چوقۇ‌م روھىي جە‌ننە‌تكە كىرىشى ۋە ئۇ‌نىڭدىن قە‌تئىي ئايرىلماسلىقى كېرە‌ك!‏ چوقۇ‌م ئېھتىيات قىلىڭ،‏ چۈنكى بىزنى بۇ روھىي جە‌ننە‌تتىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن شە‌يتان پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىۋاتىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏8؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9‏)‏.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نىڭ غە‌لىبە قازىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ كېلىڭ،‏ بۇ گۈزە‌ل،‏ پاك ۋە تىنچ-‏ئامان روھىي جە‌ننە‌تنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشايلى!‏

روھىي جە‌ننە‌تتە بولغانلار كە‌لگۈسىدە ھە‌قىقىي جە‌ننە‌تتە بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • روھىي جە‌ننە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

  • روھىي جە‌ننە‌تتە بولۇ‌پ،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز؟‏

  • باشقىلارنىڭ بۇ روھىي جە‌ننە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ بىز نېمىلە‌رنى قىلساق بولىدۇ؟‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «روھىي جە‌ننە‌ت»‏ دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان بىخە‌تە‌ر مۇ‌ھىت ياكى شارائىتىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ بۇ روھىي جە‌ننە‌تتە،‏ بىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە باشقىلار بىلە‌ن بولغان تىنچ-‏ئىناق مۇ‌ناسىۋە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز.‏

b «‏ئۇ‌لار ھازىر قە‌يە‌ردە؟‏ ئاليونا جىتنىكوۋا:‏ ئارزۇ-‏ئارمىنىم ئە‌مە‌لگە ئاشتى‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ،‏ بىر قېرىنداش روھىي جە‌ننە‌تتە قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏

c رە‌سىمدە:‏ يىغىلىشتا قېرىنداشلار ئۆزئارا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام پاراڭلىشىۋاتقاندا،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىنى باشقىلاردىن يىراق تۇ‌تۇ‌ۋاتىدۇ.‏