مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

كەچۈرۈمچان بولۇش جېدەل ئوتىنى ئۆچۈرەلەيدۇ

ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن

4.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش

4.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش

دېگە‌ن نېمە؟‏

كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى بولدى قىلىۋېتىپ،‏ ھە‌رقانداق ئۆچمە‌نلىك تۇ‌يغۇ‌سىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ ئېغىر خاتالىققا سە‌ل قاراش ياكى ھېچ ئىش بولمىغاندە‌ك قىياپە‌تكە كىرىۋېلىشنى بىلدۈرمە‌يدۇ‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ھە‌تتا ئە‌گە‌ر كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايە‌ت قىلىشىغا ئاساس بولسىمۇ،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن كە‌چۈرۈڭلار».‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏13‏؛‏ ي.‏د‏.‏

‏«ئە‌گە‌ر بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز،‏ ھە‌مىشە ئۇ‌نىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ قانداق ئىنسان بولۇ‌شقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلىسىز» (‏ئارون)‏.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

ئاداۋە‌ت ساقلاش ئۆزىڭىزنىڭ تە‌ن سالامە‌تلىكى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا زىيان يە‌تكۈزۈپ قالماي،‏ يە‌نە نىكاھىڭىزنى بۇ‌زۇ‌شى مۇ‌مكىن

‏«بىر كۈنى ئېرىم كۆڭلۈمنى قاتتىق ئاغرىتتى.‏ كېيىن،‏ ئۇ كە‌چۈرۈم سورىدى.‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈش ئاسانغا چۈشمىدى.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مە‌ن ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن بولساممۇ،‏ بىراق ئۇ‌نى بۇ‌رۇ‌نراق كە‌چۈرسە‌م بوپتىكە‌ن دە‌پ پۇ‌شايمان قىلدىم.‏ چۈنكى،‏ بالدۇ‌رراق شۇ‌نداق قىلسام،‏ مۇ‌ناسىۋىتىمىز ئۇ‌نچە بە‌ك يىرىكلىشىپ كە‌تمە‌س ئىدى» (‏جۇ‌لىيا)‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

كېيىنكى قېتىم جۈپتىڭىز سىزنى رە‌نجىتىپ قويسا،‏ ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  • مە‌ن ھە‌ددىدىن زىيادە نازۇ‌ك بولۇ‌پ كە‌تتىممۇ؟‏

  • ئۇ بە‌ك ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟‏ چوقۇ‌م ئۇ مە‌ندىن كە‌چۈرۈم سورىشى كېرە‌كمۇ؟‏ ياكى بولدى قىلىۋە‌تسە‌م بولامدۇ؟‏

جۈپتىڭىز بىللە مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ

  • بىر-‏بىرىمىزنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن بىزگە قانچە ۋاقىت كېرە‌ك؟‏

  • بىر-‏بىرىمىزنى چاپسانلا كە‌چۈرۈۋېتىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز سىزنى رە‌نجىتىپ قويسا،‏ ئۇ يامان نىيە‌ت بىلە‌ن قىلدى دە‌پ ئويلىماڭ.‏

  • ھە‌مرايىڭىزنىڭ خاتالىقىنى كە‌چۈرۈشكە تىرىشىڭ،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماڭكى،‏ «ھە‌ممىمىز تولا ئىشلاردا خاتا قىلىمىز».‏—‏ياقۇ‌پ 3:‏2‏.‏

‏«ئە‌گە‌ر ھە‌ر ئىككىسى ئە‌يىبلىك بولسا،‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ئاسان.‏ لېكىن،‏ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن بىرى دە‌پ قارالسا،‏ كە‌چۈرۈش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌ش كېرە‌ك» (‏كىمبېرلى)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «دە‌ۋاگە‌رىڭ بىلە‌ن تېخى يولدا كېتىپ بارغىنىڭدا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن رازىلاشقىلى ئالدىرىغىن».‏—‏مە‌تتا 5:‏25‏.‏

ئاداۋە‌ت ساقلاش ئۆزىڭىزنىڭ تە‌ن سالامە‌تلىكى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا زىيان يە‌تكۈزۈپ قالماي،‏ يە‌نە نىكاھىڭىزنى بۇ‌زۇ‌شى مۇ‌مكىن