مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئۆزگە‌رتىلگە‌نمۇ ياكى بۇ‌رمىلانغانمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئۆزگە‌رتىلگە‌نمۇ ياكى بۇ‌رمىلانغانمۇ؟‏

 ياق.‏ قە‌دىمىي قوليازمىلارنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار نە‌چچە مىڭ يىلدىن بۇ‌يان ئاسان چىرىپ كېتىدىغان ماتېرىياللارغا كۆچۈرۈلۈپ كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۆزگىرىپ كە‌تكە‌ن ئە‌مە‌س.‏

بۇ كۆچۈرگۈچىلە‌رنىڭ ھە‌رگىز خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مىڭلىغان قە‌دىمىي قوليازمىلىرى تېپىلغان.‏ بە‌زىلىرىدە ساناقلىق پە‌رقلە‌ر بار بولۇ‌پ،‏ كۆچۈرۈلۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ندە سادىر قىلىنغان خاتالىقلار.‏ بۇ پە‌رقلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى تىلغا ئالغۇ‌سىز دە‌رىجىدە كىچىك بولغاچ،‏ مە‌زمۇ‌نىنىڭ مە‌نىسىگە تە‌سىر قىلمايدۇ.‏ بىراق،‏ بىرقانچە كۆرۈنە‌رلىك تىلغا ئالغۇ‌دە‌ك پە‌رقلە‌رمۇ تېپىلغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى قە‌ستە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا ئاشۇ ئۆزگە‌رتىشلە‌ر كىرگۈزۈلگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

  1.   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌رجىمىلىرىدە،‏ يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان:‏ «.‏ .‏ .‏ ئاسماندا ئاتا،‏ سۆز ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بار ۋە بۇ ئۈچى بىردۇ‌ر».‏ بىراق،‏ ئىشە‌نچىلىك قوليازمىلار بۇ سۆزلە‌رنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئۇ‌لار كېيىنرە‌ك كىرگۈزۈلگە‌ن ئىدى *‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ سۆزلە‌ر بۈگۈنكى كۈندىكى ئىشە‌نچىلىك تە‌رجىمىلە‌ردە يوق.‏

  2.   خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى قە‌دىمىي قوليازمىلاردا تە‌خمىنە‌ن 7000 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا قارىماي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كۆپلىگە‌ن تە‌رجىمىلىرىدە،‏ بۇ ئىسىم «خۇ‌دا» ياكى «پە‌رۋە‌ردىگار» كە‌بى نام-‏ئۇ‌نۋانلارغا ئالماشتۇ‌رۇ‌لغان.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌نە تېخى بايقالمىغان باشقا خاتالىقلار بارمۇ؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە قە‌دىمىي قوليازمىلار شۇ‌نچە كۆپ تېپىلىۋاتىدۇ‌كى،‏ خاتالىقلارنى ئېنىقلاش بۇ‌رۇ‌نقىدىن ئاسانراق *‏.‏ بۇ قوليازمىلارنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا نېمىلە‌رنى ئاشكارە قىلغان؟‏

  •   كونا ئە‌ھدە ياكى ئىبرانىي يازمىلارنىڭ تېكىستى ھە‌ققىدە،‏ ئالىم ۋىليام گېرىن مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلالايمىزكى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن زامانلار قولدا كۆچۈرۈلۈپ،‏ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگىرىپ كە‌تمىگە‌ن،‏ باشقا قە‌دىمقى ئە‌سە‌رلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردە‌ك ئۇ‌نداق توغرا يە‌تكۈزۈلمىگە‌ن».‏

  •   يېڭى ئە‌ھدە ياكى گرېك يازمىلار ھە‌ققىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى فېرىدېرىك بۇ‌رۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «نۇ‌رغۇ‌ن يازغۇ‌چىلارنىڭ كىلاسسىك ئە‌سە‌رلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدىغان ئىسپاتلارغا قارىغاندا،‏ يېڭى ئە‌ھدىنىڭ [ئىنجىل] مە‌زمۇ‌نى ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدىغان ئىسپاتلار ناھايىتى كۆپتۇ‌ر».‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قوليازمىلىرى تە‌تقىقاتى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىدىغان داڭلىق مۇ‌تە‌خە‌سسىس فېرىدېرىك كېنيون ئە‌پە‌ندىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ «مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قورقماي قولىغا ئېلىپ،‏ قىلچە ئىككىلە‌نمە‌يلا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى ئە‌سىرلە‌ر بويى ئە‌ۋلادتىن ئە‌ۋلادقا تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كېلىپ،‏ چوڭ ئۆزگە‌رتىلمە‌ي ساقلانغانلىقىنى ئېيتالايدۇ»‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا سە‌ۋە‌بلە‌ر

  •   يە‌ھۇ‌دىي ۋە مە‌سىھىي نۇ‌سخا كۆچۈرگۈچىلە‌ر خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۆتكۈزگە‌ن چوڭ خاتالىقلار ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رنى ساقلاپ قالغان *‏.‏ (‏سانلار 20:‏12؛‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 11:‏2—‏4؛‏ گالاتىيالىقلارغا 2:‏11—‏14‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۇ‌دىي خە‌لقى ئىتائە‌تسىزلىكى تۈپە‌يلىدىن ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھە‌مدە ئىنسانىي تە‌لىملە‌رنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى مە‌لۇ‌مات ساقلاپ قالغان (‏ھوشىيا 4:‏2؛‏ مالاكى 2:‏8،‏ 9؛‏ مە‌تتا 23:‏8،‏ 9؛‏ يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌لار بۇ ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى توغرا كۆچۈرۈپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ۋە خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س سۆزىنى ھۆرمە‌تلە‌پ ئۇ‌لۇ‌غلىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

  •   خۇ‌دا ئۆزى ئىنسانلارغا كۆرسە‌تمە بېرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يازدۇ‌رغان بولسا،‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نى بۇ‌رمىلانماي،‏ ساقلىنىپ قېلىشىغا كۆڭۈل بۆلمە‌مدۇ؟‏ * (‏يە‌شايا 40:‏8؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پە‌قە‌ت قە‌دىمقى زاماندا ياشىغان كىشىلە‌ر ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇ‌شىنى خالايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ «بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر بىزلە‌رگە ساۋاق بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ بېشىغا كە‌لگە‌نىدى.‏ شۇ‌نداقلا بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلە‌رنىڭ ئۇ‌لاردە‌ك بولۇ‌پ قالماسلىقىمىز ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن خاتىرىلە‌نگە‌نىدى» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏11‏)‏

  •   ئىبرانىي يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگە‌ن نۇ‌سخىلىرىدىن،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئايە‌تلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ،‏ قە‌دىمىي قوليازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىلمىگە‌ن ۋە بۇ‌رمىلانماي ساقلانغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏لۇ‌قا 4:‏16—‏21؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏1—‏3‏)‏

^ سىناي ۋە ئالېكساندرىيە قوليازمىسى ،‏ ۋاتىكان قوليازمىسى (‏1209)‏،‏ ۋۇ‌لگاتې لاتىن تە‌رجىمىسى،‏ فېلوسېنىئان-‏خاركلىن قە‌دىمىي سۈرىيانى تە‌رجىمىسى ياكى پېشىتتا قە‌دىمىي سۈرىيانى تە‌رجىمىلىرىدە،‏ بۇ سۆزلە‌ر يوق.‏

^ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ گرېك تىلىدىكى ئىنجىل قىسمى ياكى گرېك يازمىلىرىنىڭ 5000دىن كۆپرە‌ك قوليازمىلىرى تېپىلغان.‏

^ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ خاتالىق سادىر قىلمايدىغانلىقى ئېيتىلمىغان.‏ ئۇ‌نىڭدا:‏ «بىرمۇ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمە‌يدىغان ئادە‌م يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 8:‏46‏)‏.‏

^ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دا نېمىلە‌رنى يېزىشنى سۆزمۇ-‏سۆز ئېيتىپ تۇ‌رمىغان بولسىمۇ،‏ يازغۇ‌چىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى يېتە‌كچىلىك قىلىپ،‏ ئۆز سۆزلىرىنى يازدۇ‌رغان.‏