نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بۇرۇن خۇش خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسەتمىگەنلەرگە قايتا كېلىدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانى ھەم قوشنىلىرىنى ياخشى كۆرگەچ، خۇشاللىق بىلەن ھەممە ئادەملەرگە، شۇ جۈملىدىن بۇرۇن خۇش خەۋەرگە قىزىقىش كۆرسەتمىگەنلەرگە، مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ (مەتتا 22:37—39). خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ئەيسانىڭ تەلتۆكۈس ھەممىگە ئاساسلىق گۇۋاھلىق بېرىش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەلچىلەر 10:42؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:3). شۇڭا، بىز قەدىمدە ياشىغان پەيغەمبەرلەردەك، بىرقانچە قېتىم بۇ خەۋەر بىلەن ئادەملەرگە قايتا كېلىمىز (يەرەمىيا 25:4). قوشنىلىرىمىزنى ياخشى كۆرگەچ، بىز «پادىشاھلىق ھەققىدىكى مۇشۇ خۇش خەۋەرنى» بارلىق ئادەملەرگە، ھەتتا بۇرۇن قىزىقىش كۆرسەتمىگەنلەرگىمۇ يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز (مەتتا 24:14).
ئادەملەر بۇرۇن پەرۋا قىلمىغان جايلاردىكى ئۆيلەرگە قايتا كەلگەندە، پات-پات سەمىمىي قىزىقىش كۆرسىتىدىغانلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار:
ئادەملەر كۆچىدۇ.
ئۆيدىكى باشقا ئادەملەر خۇش خەۋەرگە قىزىقىشى مۇمكىن.
ئادەملەر ئۆزگۈرىدۇ. دۇنيادىكى ئىش-ۋەقەلەر ياكى شەخسىي ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشى بەزى ئادەملەرنى «ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىشكە» ۋە خۇش خەۋەرگە قىزىقىشقا ئۈندەيدۇ (مەتتا 5:3). ھەتتا بىزگە قارشى چىقىدىغانلارنىڭ يۈرىكىدە، ئەلچى پاۋلۇسنىڭكىدەك، ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن (تىموتىيغا 1-خەت 1:13).
ئەمما، بىز ھېچكىمنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمايمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:15). ئەكسىچە، ئىبادەت ئىشىدا ھەر بىر ئادەم ئۆزى شەخسەن قارار قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز (تەكرار قانۇن 30:19، 20).