مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش دېگە‌ن نېمە؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش پروگراممىسىغا سىزنى تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق نۇ‌رغۇ‌نلىغان سوئاللارغا جاۋابلارنى تاپالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن:‏

  •   خۇ‌دا ئۇ كىم؟‏

  •   خۇ‌دا ماڭا كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏

  •   مە‌ن نىكاھ‌لىق تۇ‌رمۇ‌شمنى قانداق ياخشىلىيالايمە‌ن؟‏

  •   بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

 تۆۋە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ھە‌ققىدە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رۇ‌دىغان سوئاللارغا جاۋابلار بېرىلگە‌ن.‏

 تە‌تقىق ئۆگىنىشى قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟‏ ئالدى بىلە‌ن «خۇ‌دا» ياكى «ئائىلە» دېگە‌نگە ئوخشاش ماۋزۇ‌لارنى تاللاۋېلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن شۇ ماۋزۇ‌لارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئوخشىمىغان ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ كېيىن ئۇ‌لارنى سېلىشتۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ماۋزۇ ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئايە‌تلە‌رنىڭ ئۆز-‏ئۆزىنى چۈشە‌ندۈرۈشىگە يول بېرىمىز.‏

 ئۆگىنىشنى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى»،‏ ناملىق كىتابنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆتكۈزىمىز.‏ بۇ كىتابتا باشقا ماۋزۇ‌لار بىلە‌ن قاتار،‏ خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ققىدە،‏ شۇ‌نداقلا كېلە‌چىكىمىز توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ئېيتىلغانلىقى ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۆگىنىشگە قانچە ھە‌ق تۆلە‌ش كېرە‌ك؟‏ تە‌تقىق قىلىش دە‌رسى ھە‌قسىز ۋە ئوقۇ‌ش ماتېرىياللىرى ئۈچۈن پۇ‌ل تۆلىمە‌يدۇ.‏

 ھە‌ربىر تە‌تقىق قىلىش دە‌رسى قانچە ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر ئادە‌تتە ھە‌پتىسىگە تە‌خمىنە‌ن بىر سائە‌ت ۋاقىت سە‌رپ قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌نداق قىلىش شە‌رت ئە‌مە‌س.‏ بىز ۋاقتىڭىزغا قاراپ،‏ ئۆگۈنۈشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رىمىز.‏

 مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلسام،‏ كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرى سىزگە قولايلىق ۋاقىتتا ۋە قولايلىق يە‌ردە،‏ سىز بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىدۇ.‏ ئۇ سىزگە بىر نە‌چچە مىنۇ‌ت ئىچىدە تە‌تقىق دە‌رىسنىڭ قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ياقتۇ‌رسىڭىز،‏ تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رالايسىز.‏

 تە‌تقىق قىلىشقا قوشۇ‌لسام،‏ كېيىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شۇ‌م شە‌رتمۇ؟‏ ياق.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ لېكىن،‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ھېچكىمنى بىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىشكە مە‌جبۇ‌رلىمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ ھە‌ر بىر ئادە‌منىڭ نېمە ئىشىنىشنى تاللاش ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى تونۇ‌شتۇ‌رىمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏15‏)‏.‏