مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئامېرىكىدىكى بىر دىنىي مە‌زھە‌پمۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئامېرىكىدىكى بىر دىنىي مە‌زھە‌پمۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا جايلاشقان.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئامېرىكىدىكى بىر دىنىي مە‌زھە‌پ ئە‌مە‌سلىكىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى تۆۋە‌ندىكىچە:‏

  •   ئادە‌تتە مە‌زھە‌پ دېگە‌ن سۆزگە «بىر دىندىن بۆلۈنۈپ چىققان بىر دىنىي توپ ياكى گۇ‌رۇ‌پپا»،‏ دە‌پ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھېچقانداق دىندىن بۆلۈنۈپ چىقمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز 1-‏ئە‌سىردە پە‌يدا بولغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كە‌بى ئىبادە‌تنى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈردۇ‌ق،‏ دە‌پ قارايمىز.‏

  •   يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى 230دىن كۆپرە‌ك دۆلە‌ت ۋە رايونلاردا قىزغىن ۋە‌ز ئېيتىۋاتىدۇ.‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە ياشايلى،‏ بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى باشقا ھە‌رقانداق ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تكە ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن مە‌سىھ ئە‌يساغا سادىق بولىمىز (‏يۇ‌ھاننا 15:‏19؛‏ 17:‏15،‏ 16‏)‏.‏

  •   بىزنىڭ بارلىق تە‌لىملىرىمىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى قانداقتۇ بىر دىنىي رە‌ھبە‌رنىڭ يازمىلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏13‏)‏.‏

  •   بىز قانداقتۇ بىر ئىنسانغا ئە‌مە‌س،‏ مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىمىز (‏مە‌تتا 23:‏8—‏10‏)‏.‏