مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدا ئوندىن بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنامدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدا ئوندىن بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنامدۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدا ئوندىن بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىش دېگىنىمىز نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى شۇ‌نداق قىلمايدۇ؟‏

 ئۆزىگە تە‌ۋە مال-‏مۈلكىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىش قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقىگە بېرىلگە‌ن مۇ‌سا قانۇ‌نىدىكى بۇ‌يرۇ‌قلارنىڭ بىرى بولغان.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مۇ‌سا قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكە‌نلىكى يېزىلغان (‏ئىبرانىيلارغا 7:‏5،‏ 18؛‏ كولوسىلىقلارغا 2:‏13،‏ 14‏)‏.‏

 بۈگۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى І-‏ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌ردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ پۈتكۈل دۇ‌نيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە‌ز قىلىش پائالىيىتىنى ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا قوللايدۇ:‏ بىرىنچىسى —‏ ھە‌قسىز ئۆزى خالاپ ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش ھە‌م تە‌لىم بېرىش،‏ ئىككىنچىسى —‏ ئىختىيارىي ئىئانە بېرىش.‏

 شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان مونۇ كۆرسە‌تمىنى ئورۇ‌نلايدۇ:‏ «ھە‌ركىم قىينىلىپ تۇ‌رۇ‌پ ياكى مە‌جبۇ‌رىي ھالدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆز كۆڭلىدە نىيە‌ت قىلغىنى بويىچە بە‌رسۇ‌ن،‏ چۈنكى خۇ‌دا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 9:‏7‏)‏