يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەلۇم فىلملەر، كىتابلار ياكى ناخشىلارنى مەنئى قىلامدۇ؟
ياق. بىز مەنئى قىلمايمىز. تەشكىلاتىمىز جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا مەلۇم فىلملەر، كىتابلار ياكى ناخشىلاردىن چوقۇم نېرى بولۇشڭلار كېرەك، دەپ كەسكىن ئېيتمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
مۇقەددەس يازمىلار ھەر بىر ئادەمنى ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ (ئىبرانىيلارغا 5:14).
مۇقەددەس يازمىلاردا، ئويۇن-تاماشىلارنى تاللاشتا، قارار قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئاساسىي پرىنسىپلار يېزىلغان. a ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە، «نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار»،— دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىمىز (ئەفەسلىكلەرگە 5:10).
مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، ئائىلە باشلىقىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ھوقۇقى بار. شۇ سەۋەبتىن، ئائىلە ئەزالىرى مەلۇم ئويۇن-تاماشىلارنى تاللىغاندا، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقىنى قارار قىلالايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:3؛ ئەفەسلىكلەرگە 6:1—4). لېكىن، باشقا ۋەزىيەتلەردە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەلۇم فىلملەرنى كۆرۈشىنى، ناخشىلارنى تىڭشىشىنى ياكى كىتابلارنى ئوقۇشنى مەنئى قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھوقۇقى يوق (گالاتىلىقلارغا 6:5).
a مەسىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا جىنكەشلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ياكى زوراۋانلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر ئەيىبلەنگەن (تەكرار قانۇن 18:10—13؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:3؛ كولوسىلىقلارغا 3:8).