نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەر بىر ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇرمايدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىپ، ھەر بىر ئەيىبلەشكە، ياكى بولمىسا بىزنى زاڭلىق قىلىدىغان ھەممە ئادەملەرگە جاۋاب قايتۇرمايدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا «كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى ئۇچرار ئاھانەتكە»، دېگەن سۆزلەر بار (پەندى-نەسىھەت 9:7، 8؛ 26:4). بىزگە قارا چاپلاپ قىلىنغان ئەيىبلەشلەرگە ئارتۇقچە غەم قىلىپ، پايدىسىز تالاش-تارتىش قىلغاندىن كۆرە، دىققىتىمىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا قارىتىشىمىز كېرەك (زەبۇر 119:69).
ئەلۋەتتە، «سۈكۈت قىلىش ۋاقتى» ۋە «سۆز قىلىش ۋاقتى» بار (ۋەز 3:7). بىز خۇدا توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان سەمىمىي ئادەملەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەييار، بىراق مەنسىز تالاش-تارتىشتىن نېرى بولىمىز. شۇنداق قىلىپ، بىز ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشەلەيمىز.
ئەيسا پەيغەمبەر يالغان ئەيىبلەش سەۋەبلىك پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ھېچقانداق جاۋاب بەرمگەن ئىدى (مەتتا 27:11—14؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21—23). شۇنىڭغا ئوخشاش، خەلق ئۇنى «تازا بىر تويماس ھاراقكەش» دەپ ئاتىغاندا، ئۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ «ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ»، دېگەن پرىنسىپ بويىچە ياشاپ، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىشلىرى بىلەن كۆرسەتكەن (مەتتا 11:19). لېكىن، ۋەزىيەتكە قاراپ، تۆھمەت قىلغانلارغا جۈرئەتلىك بىلەن جاۋاب بەرگەن (مەتتا 15:1—3؛ مارك 3:22—30).
ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگىنىدە، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلماسلىققا ئۈندىگەن. ئۇ: «مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!»، — دېگەن ئىدى (مەتتا 5:11، 12). بەزىدە مۇنداق ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەندە، شاگىرتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە يول ئېچىلاتتى ۋە ئەيسا: «مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن»، — دەپ ۋەدە قىلغان (لۇقا 21:12—15).
ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى قارشى چىققۇچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلماسلىققا ئۈندەپ، شۇنداق تالاش-تارتىشلارنى «پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر» دېگەن (تىتۇسقا 3:9؛ رىملىقلارغا 16:17، 18).
ئەلچى پېترۇس مەسىھىيلەرنى قولىدىن كەلگىنىچە ئېتىقادىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:15). بىراق، ئۇ سۆزگە قارىغاندا، ئىش-ھەرىكەتنىڭ تەسىرى كۆپرەك ئىكەنلىكىگە دىققەت ئاغدۇرۇپ: «خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر»، — دەپ يازغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:12—15).