مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مىڭىنچى ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشى

مىڭىنچى ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشى

2013-‏يىل ئاۋغۇست ئېيىدا فىلىپپىندىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە ۋەقە يۈز بەردى،‏ چۈنكى ئۇ يەردە ئۆزگىچە قۇرۇلۇش پروگراممىسى بويىچە مىڭىنچى ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ بولدى.‏ كۆپلىگەن باشقا دۆلەتلەردىكى جامائەتلەرگە ئوخشاش،‏ فىلىپپىندىكى جامائەتلەردىمۇ ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئىقتىساد ياكى بۇ ساھەدە تەجرىبىسى كەمچىل بولغان.‏ بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان جامائەت يىغىلىشلىرىنى شەخسىي ئۆيلەردە ياكى بامبۇكتىن ياسالغان كەپىلەردە ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى.‏

يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ سانى فىلىپپىندىمۇ،‏ باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆپەيگەنسېرى،‏ يېڭى ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش ئېھتىياجى ھەم كۆپەيدى.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ 1999-‏يىلى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى ئىقتىسادى يېتىشمەيدىغان دۆلەتلەردىكى ئىبادەت زاللىرى قۇرۇلشى پروگراممىسىنى تەييارلىدى.‏ مۇشۇ پروگرامما بويىچە يەرلىك گۇۋاھچىلار قۇرۇلۇشقا ئۆز مۇمكىنچىلىكلىرىگە قاراپ ئىئانە قىلىدۇ.‏ قۇرۇلۇشقا يېتىشمىگەن ئىقتىىساد بولسا،‏ باشقا دۆلەتلەردىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىختىيارىي ئىئانىلىرىدىن قوشۇلىدۇ.‏ مەخسۇس تەربىيىلگەنگەن قۇرۇلۇش ئەترىتى جامائەتلەرنىڭ ئىبادەت زاللىرىنى سېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.‏ 2001-‏يىل نويابىر ئېيىدا مۇشۇ خەلقئارالىق پروگرامما فىلىپپىندا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.‏

فىلىپپىندىكى مىڭىنچى ئىبادەت زالى مارىلائودا (‏بۇلاكان ئۆلكىسى)‏ سېلىندى.‏ شۇ يەردىكى گۇۋاھچى بولغان ئىلۇمىنادو مۇنداق دەيدۇ:‏ «مەن ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئائىلىسنىڭ ئەزاسى بولۇش قانچىلىك ئاجايىپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.‏ ئەر ياكى ئايال بولسۇن،‏ ياش ياكى قېرى بولسۇن،‏ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى.‏ بىز كۆيدۈرۈپ تۇرغان كۈننىڭ ئىسسىقىدا مۈرىنى-‏مۈرىگە تىرەپ ئىشلىدۇق.‏ گەرچە بىز ئەتىدىن كەچكىچە تەر تۆكۈپ،‏ كەچقۇرۇن قاتتىق ھېرىپ كەتسەكمۇ،‏ بىرلىكتە قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەندە،‏ خۇشاللىقىمىزدىن قىنى-‏قىنىمىزغا پاتماي قالاتتۇق».‏

پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈپ،‏ گۇۋاھچى ئەمەس ئادەملەرمۇ ھەيران قالغانىدى.‏ قۇرۇلۇش مەيدانىغا شېخىل تاش بىلەن قۇم توشۇيدىغان يۈك ماشىنىسىنىڭ ئېگىسى مۇنداق دېگەن:‏ «سىلەر شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ،‏ مىغىلدىغان چۈمۈلىلەردەك بىر-‏بىرىڭلارغا ياردەم بېرىدىكەنسىلەر!‏ مەن بۇنداق ئىشنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن!‏»‏

تاماملانغان ئىبادەت زالى

پىدائىي خىزمەتچىلەر ئىمارەتنىڭ تاملىرىنى تېزلىكتە تۇرغۇزۇپ،‏ بىر يېرىم ئاي ئىچىدە پۈتتۈردى.‏ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ،‏ جامائەتتىكىلەر مۇھىم بىر ئىشنى،‏ يەنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى داۋاملاشتۇردى (‏مەتتا 24:‏14‏)‏.‏

يەرلىك جامائەتتىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى ئېلېن ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ:‏ «بۇرۇنقى ئىبادەت زالىغا سىغماي،‏ بەزىلىرىمىزنىڭ تالادا ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلەتتى.‏ يېڭى ئىبادەت زالىمىز چىرايلىق،‏ كەڭ-‏تاشا ھەم تېخىمۇ قولايلىق بولغاچقا،‏ ھەممىمىز جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئاڭلايدىغان يول-‏يورۇقلاردىن كۆپرەك پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشىپ،‏ ئىلھام ئالىمىز».‏