مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا ئادە‌ملە‌ر يىللار ۋە ئايلارنىڭ باشلىنىشىنى قانداق بە‌لگىلىگە‌ن؟‏

ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندا ياشىغان ئىسرائىللار ئۈچۈن يىل يە‌ر ھە‌يدە‌پ،‏ ئۇ‌رۇ‌ق چېچىش بىلە‌ن باشلانغان ئىدى.‏ بۇ ۋاقىت بۈگۈنكى كۈندىكى سېنتە‌بىر ۋە ئۆكتە‌بىر ئايلىرىغا توغرا كېلىدۇ.‏

ئاي كالېندارى بويىچە بىر يىل 12 ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ ھە‌ربىر ئاي قانچە كۈن بولۇ‌شى ئاسماندىكى ئاينىڭ تولۇ‌ش ۋاقتىنىڭ ئۇ‌رۇ‌ن-‏قىسقا بولۇ‌شىغا قاراپ ھېسابلانغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىر ئاي 29 كۈن ياكى 30 بولغان.‏ بىراق،‏ ئاي كالېندارى كۈن كالېندارىدىن قىسقا بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ كىشىلە‌ر بۇ ئىككى كالېندارنى بىر-‏بىرىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىر ئامال ئىزدىگە‌ن.‏ كىشىلە‌ر كېلىدىغان بىر يىل باشلىنىشتىن ئىلگىرى،‏ ھە‌ر يىلى بىرقانچە كۈننى ياكى بىرقانچە يىلدا بىر ئاينى قوشقان.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ كالېندارنى ئۇ‌رۇ‌ق چېچىش ۋە ھوسۇ‌ل يىغىش پە‌سىللىرى بىلە‌ن ماس كە‌لتۈرگە‌ن ئىدى.‏

ئە‌مما،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا،‏ خۇ‌دا ئىسرائىللارغا يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىنى ئابىب (‏نىسان)‏ ئېيىدىن باشلاشنى ئېيتقانىدى (‏چىق.‏ 12:‏2؛‏ 13:‏4‏)‏.‏ بۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن «ھوسۇ‌ل يىغىش» ھېيتىدا،‏ ئارپىدىن يىغىلغان تۇ‌نجى ھوسۇ‌ل يە‌ھۋاغا تە‌قدىم قىلىنغان ئىدى.‏—‏چىق.‏ 23:‏15،‏ 16‏.‏

بىر تە‌تقىقاتچى قوشۇ‌مچە بىر ئاينى قوشۇ‌ش-‏قوشماسلىقنى بە‌لگىلە‌ش ئاسان بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نىسان ئېيىنىڭ ئاي تولغان كۈنى (‏14-‏نىسان)‏،‏ يە‌نى باھار پە‌سلىدىكى كۈن-‏تۈن تە‌ڭلە‌شكە‌ن كۈندىن كېيىن،‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىسرائىللار يىل ئاخىرىدا،‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كۈن-‏تۈن تە‌ڭلىشىدىغان كۈندىن بۇ‌رۇ‌نراق كېلىدىغانلىقىنى بايقىغاندا،‏ نىسان ئېيىدىن ئىلگىرى قوشۇ‌مچە بىر ئاينى (‏13-‏ئاي)‏ قوشقان» (‏The History of the Jewish People in the Age of Jesus Christ (‏5 1 ‏.A.D—‏.B.C 175)‏)‏.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش،‏ يە‌نى كە‌چلىك داستىخان يىغىلىشى قايسى كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى كېرە‌كلىكىنى بە‌لگىلە‌ش ئۈچۈن ئاشۇ ئۇ‌سۇ‌لدىن پايدىلىنىدۇ.‏ ئۇ باھار پە‌سلىدە ۋە ئىبرانىي كالېندارى بويىچە 14-‏نىسان كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ كۈننىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى جامائە‌تلە‌رگە ئالدىن بىلدۈرۈلىدۇ.‏

بىراق،‏ ئىسرائىللار بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى ئاخىرلىشىپ،‏ يېڭى بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى قانداق بىلگە‌ن؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ‌نى كالېندارغا ياكى يانفون ۋە كومپيۇ‌تېرغا قاراپلا بىلە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا،‏ ئۇ بۇ‌نداق ئاسان بولمىغان ئىدى.‏

نۇ‌ھنىڭ زامانىدا،‏ ھە‌ربىر ئاي 30 كۈن ئىدى (‏يارىت.‏ 7:‏11،‏ 24؛‏ 8:‏3،‏ 4‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كالېندارىدا بىر ئاي چوقۇ‌م 30 كۈن بولمىغان.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ھېسابلاش ئۇ‌سۇ‌لى بويىچە،‏ يېڭى ئاي كىشىلە‌ر ئاسماندا يېڭى چىققان ئاينى كۆرگە‌ن كۈندىن باشلىنىدۇ.‏ كېيىنكى يېڭى ئاي كۆرۈنگە‌نگە قە‌دە‌ر 29 ياكى 30 كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ.‏

بىر قېتىم،‏ داۋۇ‌ت بىلە‌ن يوناتان يېڭى بىر ئاينىڭ باشلىنىشىنى تىلغا ئېلىپ:‏ «ئە‌تە يېڭى ئاي بايرىمى»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏1-‏سام.‏ 20:‏5،‏ 18‏)‏.‏ قارىماققا،‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11-‏ئە‌سىرگە كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۇ‌دىي كالېىندارى بويىچە ئايلار ئالدىن ھېسابلاپ قويۇ‌لغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يېڭى بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئادە‌تتىكى ئادە‌ملە‌ر قانداق بىلگە‌ن؟‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئېغىزدىن-‏ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگە‌ن قانۇ‌نى ۋە ئۆرپ-‏ئادىتى خاتىرلە‌نگە‌ن «مىشىنا» بىر يىپ ئۇ‌چى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ بۇ كىتابتا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلوندىن ئۆز يۇ‌رتلىرىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌تتە ئاي بايرام ئۆتكۈزۈلگە‌ن مە‌زگىلدە،‏ ئالىي كېڭە‌ش (‏يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئالىي سوتى)‏ ھە‌ر ئاينىڭ 30-‏كۈنى بالدۇ‌رراق بىر ۋاقىتتا جە‌م بولۇ‌پ،‏ يېڭى ئاينى قايسى ۋاقىت باشلايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌لار بۇ قارارنى قانداق چىقارغان؟‏

يېرۇ‌سالېمنىڭ ئە‌تراپىدىكى ئېگىز تاغلاردا كېچىسى ئاسماننى كۈزىتىشكە قويۇ‌لغان ئادە‌ملە‌ر بار ئىدى.‏ ئۇ‌لار يېڭى ئاي كۆرۈنگە‌ن ھامان ئالىي كېڭە‌شكە خە‌ۋە‌ر بە‌رگە‌ن.‏ ئالىي كېڭە‌ش ئە‌زالىرى يېڭى ئاينىڭ چىققانلىقىغا يېتە‌رلىك ئىسپات بار دە‌پ قارىسا،‏ ئاشۇ كۈننى يېڭى ئاي باشلىنىدىغان كۈن دە‌پ ئېلان قىلغان.‏ كۈزە‌تچىلە‌ر بۇ‌لۇ‌ت ياكى تۇ‌مان سە‌ۋە‌بلىك،‏ يېڭى ئاي چىققانلىقىنى كۆرە‌لمىگە‌ن ھالە‌تتە نېمە قىلغان؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ئاي داۋام قىلغانلىقىغا 30 كۈن بولغانلىقى ۋە يېڭى ئاي ئە‌تىسى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.‏

مىشىنانىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،‏ يېرۇ‌سالېمغا يېقىن زە‌يتۇ‌ن تېغى ئۈستىدە ئوت يېقىپ،‏ ئىس چىقىرىش ئارقىلىق ئالىي كېڭە‌شنىڭ چىقارغان قارارى كىشىلە‌رگە خە‌ۋە‌ر قىلىنغان.‏ ئىسرائىلنىڭ باشقا ئېگىز جايلىرىدىمۇ ئوت يېقىلىپ،‏ خە‌ۋە‌ر بېرىلگە‌ن.‏ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا،‏ ئالىي كېڭە‌ش خە‌ۋە‌رچىلە‌ر ئارقىلىق خە‌تلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق،‏ يېرۇ‌سالىم ۋە باشقا جايدىكى يە‌ھۇ‌دىيلارغا يېڭى ئاينىڭ باشلىنىشى بىلدۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ھە‌ممە جايلاردىكى يە‌ھۇ‌دىيلار ھە‌رقايسى پە‌سىللە‌ردىكى ھېيت-‏بايراملارنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزگە‌نىدى.‏

بۇ جە‌دۋە‌ل بىزنىڭ يە‌ھۇ‌دىي كالېندارىدىكى ئاي،‏ ھېيت-‏بايرام ۋە پە‌سىللە‌رنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏