مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

26-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قورقۇ‌نچنى يېڭىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قورقۇ‌نچنى يېڭىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

‏«يە‌ھۋا مېنىڭ يېنىمدادۇ‌ر،‏ مە‌ن ھېچ قورقمايمە‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 118:‏6‏.‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ قانداق قورقۇ‌نچلار بار؟‏

 بە‌زى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ نېستور ۋە ئايالى مارىيا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا موھتاج بولغان يە‌رگە كۆچۈشنى خالىغان b‏.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن ئۇ‌لار تېجە‌شلىك،‏ ئاددى-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنى ئۆگىنىشكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار دە‌سلە‌پتە ئازغىنە پۇ‌ل بىلە‌ن ھايات كە‌چۈرسە‌ك،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشە‌لمە‌يمىز دە‌پ قورققان ئىدى.‏ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن دۆلە‌تتە ياشايدىغان بىنېئام ئىسىملىك كىشى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغاندا،‏ زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىنلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ بۇ‌نىڭدىن قورققان.‏ ئۇ يە‌نە ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۇ‌نىڭ يېڭى دىننى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى بىلسە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىشى ھە‌ققىدە غە‌م قىلىپ تېخىمۇ قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ ۋالېرىيا ئىسىملىك ئايالغا ئېغىر راك كېسىلى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان قانغا بولغان كۆزقارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بىر دوختۇ‌رنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىگە‌ن.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئۇ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورققان.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن قورقۇ‌نچىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 سىزمۇ بۇ‌نداق قورقۇ‌نچنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟‏ كۆپچىلىكىمىز ھېس قىلىمىز.‏ ئە‌گە‌ر قورقۇ‌نچىمىزنى كونترول قىلمىساق،‏ چىقارغان ناتوغرا قارارلىرىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە يامان تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شە‌يتان نە‌ق شۇ‌نى خالايدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نماسلىقىمىز،‏ شۇ جۈملىدىن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتماسلىقىمىز ئۈچۈن،‏ بىزنى قورقۇ‌نچقا چۈشۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17‏)‏.‏ شە‌يتان تاش يۈرە‌ك،‏ رە‌ھىمسىز ۋە كۈچلۈك شە‌خس.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆزىڭىزنى ھىمايە قىلالايسىز.‏ قانداق قىلىپ؟‏

3.‏ قورقۇ‌نچىمىزنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە بىز تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ دائىم بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلساق،‏ شە‌يتاندىن قورقمايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏6‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ زە‌بۇ‌ر 118-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى كۆپ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ كۆپ دۈشمە‌نلىرى كۆپ بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ھە‌تتا ھوقۇ‌قدارلار بار ئىدى (‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ر‏)‏.‏ بە‌زىدە،‏ ئۇ ئېغىر بېسىمغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن (‏13-‏ئايە‌تلە‌ر‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قاتتىق تە‌ربىيىلە‌پ تۈزە‌تكە‌ن (‏18-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى:‏ «قورقمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ناخشا ئېيتقانىدى.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى شۇ‌نچە بېخە‌تە‌ر ھېس قىلغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى تۈزە‌تكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌رشتىكى ئاتىسىنىڭ ئۇ‌نى بە‌كمۇ سۆيىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مە‌يلى قانداق ئېغىر ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لمىسۇ‌ن،‏ كۆيۈمچان ئاتىسىنىڭ ھە‌ردائىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 118:‏29‏.‏

4.‏ خۇ‌دانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلساق،‏ قانداق قورقۇ‌نچلارنى يېڭە‌لە‌يمىز؟‏

4 بىز ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىشە‌نچىمىز (‏1)‏ ئائىلىنى تە‌مىنلىيە‌لمە‌ي قېلىشتىن قورقۇ‌ش،‏ (‏2)‏ ئىنساندىن قورقۇ‌ش ۋە (‏3)‏ ئۆلۈمدىن قورقۇ‌شتە‌ك قورقۇ‌نچلارنى يېڭىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىرىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنى خۇ‌دانىڭ سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغاچ،‏ ئۆز قورقۇ‌نچلىرىنى يېڭە‌لىگە‌ن.‏

ئائىلىمىزنى تە‌مىنلىيە‌لمە‌ي قېلىشتىن قورقۇ‌ش

بىر بۇ‌رادە‌ر ئائىلىسىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ئوغلى بىلە‌ن بىرگە بېلىق تۇ‌تىۋاتىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئائىلە بېشىنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ۋە‌زىپىسىنى مۇ‌ھىم دە‌پ قارايدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئائىلە بېشى بولسىڭىز،‏ بە‌لكىم يېقىندا تارقالغان يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە ئىشتىن ئايرىلىپ قالغانسىز.‏ ئېھتىمال،‏ ئائىلە‌منى ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش،‏ ئىجارە ھە‌ققى ياكى ئۆيۈمنىڭ قە‌رزنى تۆلە‌ش قىيىنغا چۈشىدۇ دە‌پ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغانسىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ئىشتىن ئايرىلىپ قالسام،‏ باشقا ئىشنى تاپالايمە‌نمۇ دە‌پ قورققانسىز.‏ ياكى بولمىسا،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان نېستور ۋە مارىياغا ئوخشاش،‏ ئازراق پۇ‌ل تاپسام،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىز قانداق ئۆتە‌ر دە‌پ غە‌م قىلىپ،‏ ھاياتىڭىزدا ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغانسىز.‏ شە‌يتان بۇ‌نداق قورقۇ‌نچلارنى ئىشلىتىشتە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانغان.‏

6.‏ شە‌يتان بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ،‏ بىزنى ياخشى كۆرمە‌يدۇ ۋە ئائىلىمىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىمىزغا ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئىشىنىشىمىزنى شە‌يتان بە‌ك خالايدۇ.‏ ئۇ بىزنى شۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ئىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە ھە‌ممىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك دە‌پ ئويلىشىمىز،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە زىيان يە‌تكۈزىدىغان بە‌زى ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

7.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىزنى نېمىگە ئىشىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

7 ئاتىسىنى ھە‌رقانداق بىرىدىن ياخشىراق تونۇ‌غان ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ بىزنى ياراتقۇ‌چىغا ئىشىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىپ:‏ «ئاتاڭلار نېمىگە موھتاج بولغىنىڭلارنى سىلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن تىلىمە‌ستىن ئىلگىرى بىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏8‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ بىز خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرىدۇ‌رمىز.‏ يە‌ھۋا بۇ ئائىلىمىزنىڭ بېشىدۇ‌ر.‏ 1-‏تىموتىي 5:‏8-‏ئايە‌تتە‏،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بارلىق ئائىلە بېشىغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ئۆزى ھە‌م ئە‌مە‌ل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

يە‌ھۋا ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدايدۇ.‏ ئۇ قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

8.‏ (‏1)‏ ئائىلىمىزنى تە‌مىنلىيە‌لمە‌ي قېلىش قورقۇ‌نچىنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏مە‌تتا 6:‏31–‏33‏)‏ (‏2)‏ سۈرە‌تتىكى بىر قېرىنداشقا تاماق ئېلىپ كە‌لگە‌ن ئە‌ر-‏ئايالدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

8 يە‌ھۋا بىزنى ۋە ئائىلىمىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن بىزنى تە‌مىنلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ‏(‏مە‌تتا 6:‏31–‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى تە‌مىنلە‌شنى خالايدۇ.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە سېخىي تە‌ڭدۇ‌ر!‏ ئۇ يە‌ر يۈزىنى ياراتقاندا،‏ ھايات كە‌چۈرۈشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى بېرىپلا قالماي،‏ بە‌لكى ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشىمىز ئۈچۈن يە‌ر يۈزىنى ئاجايىپ نە‌رسىلە‌رگە تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىت.‏ 2:‏9‏)‏.‏ ھە‌تتا بە‌زىدە كۈن كە‌چۈرۈش ئۈچۈن پە‌قە‌تلا زۆرۈر نە‌رسىلىرىمىز بار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۆزىمىزدە بار شۇ زۆرۈر نە‌رسىلە‌رنىمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىز تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 6:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بىزگە،‏ بىز قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن ماددىي نە‌رسىلە‌ردىن كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ بىزگە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقنى بېرىدۇ.‏ نېستور ۋە مارىيا نە‌ق شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏—‏يە‌شايا 65:‏21،‏ 22‏.‏

9.‏ نېستور ۋە مارىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

9 نېستور ۋە مارىيانىڭ كولۇ‌مبىيىدە تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتى ياخشى ئىدى.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئاددى-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈپ،‏ كۆپرە‌ك يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ھە‌ققىدە ئويلاندۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ئازغىنە پۇ‌ل بىلە‌ن بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لمە‌يمىز دە‌پ قورقاتتۇ‌ق».‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ قورقۇ‌نچنى يېڭىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئۆزلىرىگە تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ كە‌لگە‌نلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌دانىڭ دائىم ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يېتىپ،‏ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشىنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ نېستور ۋە مارىيا ئۆز ئۆيىنى سېتىۋېتىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا موھتاج بولغان يە‌رگە كۆچكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان قارارى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏ نېستور مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز مە‌تتا 6:‏33-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇ‌ق.‏ ھېچقاچان زۆرۈر نە‌رسىلىرىمىز كە‌م بولمىدى.‏ ھازىر تېخىمۇ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتىمىز».‏

ئىنساندىن قورقۇ‌ش

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر-‏بىرىدىن قورقۇ‌شى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س؟‏

10 ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندىن تارتىپ،‏ تا ھازىرغىچە ئىنسانلار بىر-‏بىرىگە زىيان يە‌تكۈزۈپ كە‌لمە‌كتە (‏ۋە‌ز 8:‏9‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىشىلە‌ر ئۆز ھوقۇ‌قىدىن قالايمىقان پايدىلىنىدۇ،‏ جىنايە‌تچىلە‌ر زوراۋانلىق قىلىدۇ،‏ بوزە‌ك قىلغۇ‌چىلار مە‌كتە‌پتە ئە‌دە‌بسىز گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ سىنىپداشلىرىغا تە‌ھدىت سالىدۇ.‏ يە‌نە باشقىلار بولسا،‏ ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌ر ناچار مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىك قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر-‏بىرىدىن قورقۇ‌شى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س!‏ شە‌يتان بىزگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئىنساندىن قورقۇ‌ش تۇ‌يغۇ‌سىدىن پايدىلىنىدۇ.‏ قانداق؟‏

11،‏ 12.‏ شە‌يتان ئىنساندىن قورقۇ‌ش تۇ‌يغۇ‌سىدىن پايدىلىنىپ،‏ بىزنى قانداق قورقىتىدۇ؟‏

11 شە‌يتان ئىنسانلاردىن قورقۇ‌ش تۇ‌يغۇ‌سىدىن پايدىلىنىپ،‏ بىزنى قورقۇ‌تىدۇ.‏ بۇ ئارقىلىق بىزنى خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە ۋە‌ز قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ شە‌يتاننىڭ تە‌سىرى ئاستىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئىش-‏پائالىيىتىمىزنى چە‌كلە‌پ،‏ بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏12؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏10‏)‏.‏ شە‌يتان باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان بۇ دۇ‌نيادا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە يالغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تارقىتىپ يۈرىدۇ.‏ بۇ يالغانچىلىقلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلە‌ر بىزنى مە‌سخىرە قىلىشى ياكى قول كۆتۈرۈپ بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 10:‏36‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ بۇ‌نداق ھىيلە-‏مىكىرلىرى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ.‏ ئۇ بىرىنچى ئە‌سىردىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق ھىيلە-‏مىكىرلە‌رنى ئىشلە‌تكە‌ن!‏—‏ئە‌لچى.‏ 5:‏27،‏ 28،‏ 40‏.‏

ھە‌تتا ئائىلىمىزدىكىلە‌ر بىزگە قارشىلىق كۆرسە‌تسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز (‏12–‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

12 ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ زىيانكە‌شلىك قىلىش،‏ شە‌يتاننىڭ بىردىن-‏بىر قورقۇ‌تۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌مە‌س.‏ بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولسا،‏ ئۆزىنىڭ جىسمانىي زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراشتىنمۇ كۆپرە‌ك،‏ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قورقىدۇ.‏ ئۇ‌لار شە‌ك-‏شۈبھىسزكى،‏ ئۆز ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىنى بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى سۆيۈشىنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ھە‌ق خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا تىل تە‌ككۈزۈپ،‏ ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى ئازار يە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ دە‌سلە‌پتە قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى كېيىنرە‌ك ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ بىراق،‏ ئېتىقادىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئائىلىمىزدىكىلە‌ر بىز بىلە‌ن بولغان بارلىق مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىنى ئۈزسىچۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز؟‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز ئائىلىمىزدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا بە‌رداشلىق بېرىشكە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 27:‏10‏)‏

13 زە‌بۇ‌ر 27:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز بۇ ئايە‌تتىكى ئاجايىپ سۆزلە‌ردىن تە‌سە‌للى تاپالايمىز.‏ خۇ‌دانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌ستىن چىقارمىساق،‏ ھە‌رقانداق قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىشتىن قورقماي،‏ ئۆزىمىزنى بېخە‌تە‌ر ھېس قىلىمىز.‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ ھېچبىر ئىنسان بىزنىڭ جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى،‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋادە‌ك تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىنېئام دە‌ل شۇ‌نى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏

14.‏ بىز بىنېئامنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 گە‌رچە بىنېئام ئۆزى ياشايدىغان دۆلە‌تتە ھۆكۈمە‌ت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا رە‌ھىمسىزلارچە زىيانكە‌شلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نىلا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىنېئامنىڭ ئىنسانلاردىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھۆكۈمە‌تنىڭ زىيانكە‌شلىكى مە‌ن تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغاندىنمۇ دە‌ھشە‌تلىك ئىدى.‏ بىراق،‏ مە‌ن ھۆكۈمە‌تنىڭ ئە‌مە‌س،‏ ئائىلە‌مدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىدىن كۆپرە‌ك قورققان ئىدىم.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى قارار قىلسام،‏ دادامنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن ۋە ئائىلە‌مدىكىلە‌رنىڭ ئە‌مدى مېنى ھۆرمە‌تلىمە‌سلىكىدىن قورققان ئىدىم».‏ لېكىن،‏ بىنېئام خۇ‌دانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارغا دائىم غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغان.‏ ئۇ بۇ‌نى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار،‏ كە‌مسىتىش ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە،‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان ئىدىم.‏ مە‌ن شۇ‌نى بىلدىمكى،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رسام،‏ ئۇ مېنى چوقۇ‌م بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ مە‌ن بىر نە‌چچە قېتىم قولغا ئېلىنغاندا،‏ ھە‌تتا قىيىن-‏قىستاققا ئېلىنىپ سوراققا تارتىلغاندا،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قالساق،‏ قىيىن پە‌يتلە‌ردە ئۇ‌نىڭ ھە‌ردائىم بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم».‏ بىنېئام ئۈچۈن يە‌ھۋا ھە‌قىقىي ئاتا ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ھە‌قىقىي ئائىلە بولغان.‏

ئۆلۈمدىن قورقۇ‌ش

15.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇ‌ش بۇ تە‌بىئىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلۈمنىڭ دۈشمە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏25،‏ 26‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ ئۆزىمىز ياكى يېقىن كىشىلىرىمىز ئېغىر كېسە‌ل بولغاندا،‏ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ئوي-‏خىياللار بىزنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدۇ.‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقىمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنى ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىگە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاش ئارزۇ-‏ئىستىكىنى سالغان (‏ۋە‌ز 3:‏11‏)‏.‏ ئۆلۈمدىن قورقۇ‌شقا بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراش ھاياتىمىزنى قوغداشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ توغرا ئوزۇ‌قلىنىش،‏ بە‌دە‌ن چېنىقتۇ‌رۇ‌ش ئادە‌تلىرىگە قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ بۇ‌نداق قورقۇ‌ش زۆرۈر بولغاندا،‏ دوختۇ‌رلار ياكى تىببىي خادىملاردىن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىزغا،‏ ھە‌مدە ھاياتىمىزنى بىكاردىن-‏بىكار خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلماسلىقىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16.‏ شە‌يتان ئۆلۈمدىن قورقۇ‌شتە‌ك تە‌بىئىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزدىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟‏

16 شە‌يتان ھاياتىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بىزنى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە نە‌رسىلە‌ردىن،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتىن ۋاز كېچىدۇ،‏—‏ دە‌پ جار سالىدۇ (‏ئايۇ‌پ 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ جار سېلىشى پۈتۈنلە‌ي يالغان!‏ بىراق،‏ ئۆلۈم ھوقۇ‌قىنى تۇ‌تقان شە‌يتان ئۆلۈمدىن قورقۇ‌ش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزدىن پايدىلىنىپ،‏ بىزنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 2:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە شە‌يتاننىڭ تە‌سىرى ئاستىدىكى كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە:‏ «ئېتىقادىڭلاردىن ۋاز كە‌چمىسە‌ڭلار،‏ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز»،‏—‏ دە‌پ قورقىتىدۇ.‏ بە‌زىدە جىددىي داۋالىنىشقا موھتاج بولغانلىقىمىزنى كۆرگە‌ن شە‌يتان،‏ ھاياتىمىزدىكى خە‌تە‌رلىك پە‌يتتىن پايدىلىنىپ،‏ بىزنى يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىنى بۇ‌زىدىغان قارارنى قىلدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ .‏ دوختۇ‌رلار ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز بىزنى يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ قان سېلىشنى قۇ‌بۇ‌ل قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ كىمدۇ-‏بىرسى بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا زىت بولغان باشقا داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا قايىل قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

17.‏ رىملىقلار 8:‏37–‏39-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق؟‏

17 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئۆلۈشنى خالىمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى داۋاملىق سۆيىدۇ ‏(‏رىملىقلار 8:‏37–‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى يە‌نىلا ھاياتتە‌ك،‏ يادىدا ساقلايدۇ (‏لۇ‌قا 20:‏37،‏ 38‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى تىرىلدۈرۈشكە بە‌ك تە‌شنا (‏ئايۇ‌پ 14:‏15‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا قىممە‌ت-‏باھالىق بىر بە‌دە‌لنى تۆلىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌تتا بىز ئېغىر كېسە‌ل بولۇ‌پ،‏ ئۆلۈم خە‌تىرىگە دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ خۇ‌دانى تاشلاپ كېتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭدىن كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە دانالىق سورايمىز.‏ ۋالېرىيا ۋە ئېرى دە‌ل شۇ‌نداق قىلغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 41:‏3‏.‏

18.‏ ۋالېرىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌نسىڭىز بولىدۇ؟‏

18 35 ياشلىق ۋالېرىياغا راك كېسىلى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغان ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈم قورقۇ‌نچىنى يېڭىشىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماڭا قويۇ‌لغان دىئاگنوز تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى بىر كېچىدىلا ئۆزگە‌رتتى.‏ ھايات قېلىشىم ئۈچۈن چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىشىم كېرە‌ك ئىدى.‏ مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن دوختۇ‌رلاردىن مە‌سلىھە‌ت سورۇ‌دۇ‌م.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى قانسىز ئوپېراتسىيە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.‏ مە‌ن قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن ئىدىم.‏ بىراق،‏ خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ،‏ مە‌ن قان سېلىشنى رە‌ت قىلدىم.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل ئۆمۈرۈم بويى ماڭا شۇ‌نچىلىك كۆپ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تتى.‏ مانا ئە‌مدى خۇ‌داغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمنى كۆرسىتىش نۆۋىتى ماڭا كە‌لدى.‏ ھە‌ر قېتىم شۇ‌م خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ يە‌ھۋا مېنىڭدىن پە‌خىرلىنىشى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شقا ۋە شە‌يتاننىڭ ئۈستۈمدىن غە‌لبە قازىنىشىغا يول قويماسلىققا تېخىمۇ مە‌ھكە‌م بە‌ل باغلىدىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ ماڭا قىلىنغان قانسىز ئوپېراتسىيە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولدى.‏ گە‌رچە مە‌ن تېخىغىچە داۋالاشقا موھتاج بولساممۇ،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن دائىم تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ماڭا دىئاگنوز قويۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ دە‌م ئېلىش كۈنىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشىدا «بۈگۈنكى كۈندىكى قىيىنچىلىقلارغا جاسارە‌ت بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىش» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق c‏.‏ بۇ ماقالىدىن چوڭ تە‌سە‌للى تاپتۇ‌ق.‏ بىز ئۇ‌نى قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌يمىز.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ماقالىلە‌ر ۋە خۇ‌دا خىزمىتى بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش كۆڭلىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشتۈردى ۋە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بە‌ردى».‏

قورقۇ‌نچلىرىمىزنى يېڭىش

19.‏ پات-‏يېقىندا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟‏

19 دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ئېتىقادداشلار ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،‏ شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ كە‌لمە‌كتە (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏8،‏ 9‏)‏.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىز.‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا پات-‏يېقىندا ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە پادىشاھلىق قىلىدىغانلارنى شە‌يتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏8‏)‏.‏ ئاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ:‏ «ھېچ نە‌رسىدىن قورقمايسە‌ن.‏ خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر سە‌ندىن نېرى كېتە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ (‏يە‌شايا 54:‏14؛‏ مىكاھ 4:‏4‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ قورقۇ‌نچلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏

20.‏ قورقۇ‌نچلىرىمىزنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

20 قورقۇ‌نچلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق ھىمايە قىلغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ باشقىلارغا ئېيتىپ بە‌رسە‌ك،‏ ئىشە‌نچىمىز كۈچىيىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا ئىلگىرى قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌سكە ئالساق بولىدۇ.‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە،‏ بىز قورقۇ‌نچلىرىمىزنى يېڭە‌لە‌يمىز!‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏4‏.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

a قورقۇ‌نچ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىدا بولۇ‌ش تە‌بئىي ئە‌ھۋال ۋە ئۇ بىزنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن قوغدىيالايدۇ.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە نامۇ‌ۋاپىق قورقۇ‌نچ تۇ‌يغۇ‌سى بىز ئۈچۈن پايدىسىز،‏ ئۇ بىزگە زىيان يە‌تكۈزىشى مۇ‌مكىن.‏ قانداقلارچە؟‏ شە‌يتان بۇ‌نداق قورقۇ‌نچنى ئىشلىتىپ،‏ بىزگە قارشى چىقىدۇ.‏ ئېنىقكى،‏ بىز چوقۇ‌م پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن شۇ‌نداق قورقۇ‌نچنى كونترول قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ ماقالە شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا بىز تە‌رە‌پتە ۋە ئۇ بىزنى سۆيىدۇ،‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نسە‌ك،‏ ھە‌رقانداق قورقۇ‌نچنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d سۈرە‌تتە:‏ يە‌رلىك جامائە‌تتىكى ئە‌ر-‏ئايال جاپالىق ئىشلە‌ۋاتقان ئايال قېرىنداش ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رگە تاماق ئېلىپ كە‌لدى.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئاتا-‏ئانىسى ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ،‏ بىراق ئۇ خۇ‌دانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئىشىنىدۇ.‏