ھەردائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ
لىزا a ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى قانداق تونۇغانلىقىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇلاسىلىگەن: «ئېتىقادداشلارنىڭ مېھرىبانلىقى ماڭا كۆپرەك تەسىر قىلدى». ئاننامۇ ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان: «دەسلەپتە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۆگەتكەنلىرىگە قارىغاندا، كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى مېنى ھەقىقەتكە بەكرەك جەلپ قىلدى». ھازىر ئۇلار ئىككىسى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ۋە ئوقۇغانلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب — قېرىنداشلار ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكى.
بىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتسەك، باشقىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلالايمىز. ئۇنداقتا، بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ بۇ ماقالىدە، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت مېھرىبانلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. كېيىن، كىملەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
گەپ-سۆزلىرىمىز ئارقىلىق مېھرىبانلىق كۆرسىتىش
پەندى-نەسىھەت 31-بابتا، پەزىلەتلىك بىر ئايال تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «ئېغىزىدىن ھېكمەتلىك سۆزلەر چىقار» (پەند. نە 31:26). بۇ ئۇ ئايالنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ مەنىسىدە ۋە ئۇرغۇسىدا مېھرىبانلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەر ۋە ئاتا بولغۇچىلارمۇ مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلىشى كېرەك. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ بەك مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بالىلىرىغا قوپال سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار قوپال، يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلسا،بۇ بالىلارغا سەلبىي تەسىر قىلىپ، ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان كىشلەر بولۇشىنى خالىسا، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ھەردائىم مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلىشى كېرەك.
مەيلى سىز ئاتا-ئانا بولۇڭ ياكى بولماڭ، مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەشنى قانداق ئۆگىنەلەيسىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى، پەندى-نەسىھەت 31:26-ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىن تاپىمىز. ئۇ يەردە: «ئېغىزىدىن ھېكمەتلىك سۆزلەر چىقار»،— دەپ يېزىلغان. بۇ قانداق سۆزلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى قانداق ئۇرغۇدا ئىپادىلەشنى دانالىق بىلەن تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى قىلىش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرەمدۇ ياكى ئىناق-ئىتتىپاقلىققا دەۋەت قىلامدۇ؟»— دەپ سوراش پايدىلىق (پەند. نە 15:1). كۆرگىنىمىزدەك، سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئويلىنىش دانالىقتۇر.
پەندى-نەسىھەت 12:18-ئايەتتە: «ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇددى قىلىچ سانجىغاندەك بولار»،— دەپ يېزىلغان. گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئاۋاز ئاھاڭىمىز باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلانساق، ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەرنى كونترول قىلالايمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، مېھرىبانلارچە سۆزلىسەك، ئۆزىمىزنى يېقىمسىز، قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن يىراق تۇتالايمىز (ئەفەس. 4:31، 32). شۇڭا، بىز سەلبىي ئوي-پىكىر ۋە گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا، مېھرىبانلىق بىلەن يېقىملىق گەپ-سۆزلەرنى قىلىمىز. يەھۋا بۇ ھەققىدە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇ پەرىشتىسى ئارقىلىق قورقۇنچ ئىچىدىكى خىزمەتچىسى ئىلياسقا مۇلايىم بىر ئاۋاز بىلەن سۆز قىلغان (1-پادىشاھ. 19:12). شۇڭا، مېھرىبانلىقنى پەقەت گەپ-سۆزلىرىمىزدىلا ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلەرىمىزدە ھەم ئىپادىلەيلى. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مېھرىبانلىق كۆرسىتىش
يەھۋانى ئۈلگە قىلساق، مېھرىبانلىقنى ياخشى گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە كۆرسىتىمىز (ئەفەس. 4:32؛ 5:1، 2). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لىزا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئائىلىمىز جىددىي ئۆي كۆچۈشكە توغرا كەلگەندە، جامائەتتىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىشىدىن رۇخسەت سوراپ، نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، توشۇشىمىزغا ياردەم بەردى. شۇ چاغدا، مەن تېخى مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنمەيتتىم!» شۇ ئەر-ئايالنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان ئەمەلىي ياردىمى لىزانى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاننامۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ئۈچۈن مىننەتدار. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى باشقىلار كۆپ قېتىم كۆڭلۈمنى ئاغرىتقاچ، ئادەملەرگە ئىشەنمەس بولغان ئىدىم. شۇڭا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئۇچراتقاندا، ئۇلارنىڭ ياخشى نىيەتلىرىدىن گۇمانلاندىم. ئۆز-ئۆزۈمدىن: ‹ئۇلار نېمە ئۈچۈن ماڭا شۇنچە قىزىقىدۇ؟›— دەپ سورايتتىم. بىراق، ماڭا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىتىۋاتقان قېرىنداشنىڭ مېھرىبانلىقى مېنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلدى. كېيىنرەك، مەن دىققىتىمنى كۆپرەك ئۆگەنگەنلىرىمگە ئاغدۇرۇشقا باشلىدىم».
كۆرگىنىمىزدەك، جامائەتتىكىلەرنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرى لىزا ۋە ئانناغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان ۋە ئۇلارنى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە جەلپ قىلغان. دېمەك، قېرىنداشلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار يەھۋا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئىشىنىشكە باشلىغان.
خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ
بەزىلەر كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيىتى سەۋەبلىك، يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىشقا ۋە كۈلۈمسىرەشكە كۆپرەك مايىل بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئۆرپ-ئادەت ياكى تەبىئىي مايىللىقى سەۋەبلىك شۇنداق ئەدەب-ئەخلاقنى كۆرسەتكەنلەرنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىراق، ئەگەر بىز پەقەتلا شۇنداق يول تۇتساق، مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتە، خۇدانى ئۈلگە قىلماسلىقىمىز مۇمكىن.—ئەلچىلەر 28:2-نى سېلىشتۇرۇڭ.
خۇداغا خاس مېھرىبانلىق مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر (گالاتىيا. 5:22، 23). شۇڭا، خۇداغا خاس مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىمىز. بۇ ياراتقۇچىمىز يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزگە ماس كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز باشقىلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىمىز. شۇڭلاشقا، يەھۋا ۋە باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇ چاغدىلا، چىن يۈرەكتىن كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقىمىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ.
كىملەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش كېرەك؟
ئەلۋەتتە ناھايىتى تەبئىيكى، بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان ياكى تونۇش كىشىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك (2-سام. 2:6). مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش (كولوسى. 3:15). بىراق، بىرەر كىشى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىزگە لايىق ئەمەستەك ھېس قىلساقچۇ؟
ئويلاپ كۆرۈڭ: يەھۋا مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىشكە لايىق بولمىساقمۇ، بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ھەققىدە مۇھىم ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. بولۇپمۇ، گرېك يازمىلىرىدا «مېھىر-شەپقەت» دېگەن سۆز-ئىبارە نۇرغۇن قېتىم ئۇچرايدۇ. خۇدا بىزگە مېھرىبانلىقنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
مىليونلىغان كىشىلەر ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تەمىنلەپ، ئۆز مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە (مەتتا 5:45). ئەمەلىيەتتە، بىز ھەتتا يەھۋانى تونۇشتىن ئىلگىرى، ئۇ بىزگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن (ئەفەس. 2:4، 5، 8). مەسىلەن، يەھۋا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى، يەنى ئۆزىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنى تۆلەمگە بەرگەنلىكى ھەققىدە ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق يازغانىدى: «خۇدانىڭ چەكسىز رەھىم-شەپقىتى تۈپەيلى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشتۇق» (ئەفەس. 1:7). ئۇنىڭدىن باشقا، داۋاملىق خۇداغا قارشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتسەكمۇ، ئۇ بىزگە يول كۆرسىتىپ، تەلىم بېرىشتىن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ بىزگە خۇددى سىم-سىم يامغۇر كەبى مۇلايىملىق بىلەن تەلىم بېرىدۇ (تەكرار. قا 32:2). ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىگە ئەسلا جاۋاب قايتۇرالمايمىز. ئۇ بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەن بولسا، بىزنىڭ كېلەچىكىمىز بولمايتتى.—1-پېتر. 1:13-نى سېلىشتۇرۇڭ.
شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقى بىزنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇڭا، پەقەت ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان كىشىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتمەي، خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، ھەر كۈنى ۋە ھەر دائىم بارلىق كىشىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 5:15). دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتسەك، خۇددى سوغۇق كۈندە يېنىپ تۇرغان ئىسسىق ئوتتەك، ئائىلىمىزدىكىلەر، ئېتىقادداشلار، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار ۋە خولۇم-قوشنىلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىمىز.
ئويلاپ كۆرۈڭ: ئائىلىدە ۋە جامائەتتە كىملەرنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېھتىياجى بار؟ ئەگەر ئۇلارغا گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزدە مېھرىبانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم پايدىلىق. بەلكىم، جامائىتىڭىزدە بىرى ئۆيى ياكى بېغىغا قاراش، ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلىش دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا ئەمەلىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەز خىزمەتتە ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى ئۇچراتقاندا، ئۇلارغا ياردەم قولۇڭىزنى سۇنالامسىز؟
دېمەك، يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتەيلى.
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.