27-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا ئۈمىد باغلاڭ!
«يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغىن، باتۇر ۋە يۈرەكلىك بولغىن».—زەبۇر 27:14.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
بۇ ماقالىدە a
1. (1) يەھۋا خۇدا بىزگە قانداق ئۈمىد ئاتا قىلغان؟ (2) يەھۋاغا ئۈمىد باغلاش دېگەن نېمە؟ («سۆز-ئىبارە مەنىسى»گە قاراڭ)
يەھۋا خۇدايىمىز ئۇنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاجايىپ ئۈمىد ئاتا قىلغان. پات- يېقىندا، ئۇ كېسەللىكلەر، قايغۇ-ھەسرەتلەر ۋە ئۆلۈمنى تامامەن يوق قىلىدۇ (ۋەھىي. 21:3، 4). خۇدا ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان كەمتەر كىشىلەرنىڭ يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 37:9–11). ئۇنىڭدىن باشقا، كېلەچەكتە پەرۋەردىگار بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكىدىنمۇ يېقىنراق ۋە كۆڭۈللۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز. ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئۈمىدىمىز بار! بىراق، يەھۋانىڭ بۇ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟ چۈنكى، يەھۋا ھەرقاچان ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئۈمىد b باغلاپ، ئۇنى تەلمۈرۈپ كۈتۈشكە يېتەرلىك ئاساسلار بار! (زەبۇر 27:14) يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى سەۋر-تاقەت ۋە شاد-خۇراملىق بىلەن كۈتكەچ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىمىز.—يەشايا 55:10، 11.
2. يەھۋا قايسى ۋەدىسىنى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
2 يەھۋا بارلىق ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ ئالاھىدە بىر ۋەدىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. خۇدا ۋەھىيلەر كىتابى ئارقىلىق ئاخىر زاماندا ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن چىققان ئادەملەرنى يىغىپ، پاك ئىبادەتتە بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كىشىلەر «زور بىر توپ خالايىق» دەپ ئاتىلىدۇ (ۋەھىي. 7:9، 10). گەرچە بۇ بىر توپ پەرقلىق مەدەنىيەت، مىللەت، تىللار ۋە ئىرقلاردىن بولغان ئەر ۋە ئايال، چوڭ ۋە كىچىك كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ، ئىناق-ئىتتىپاق، خەلقئارالىق چوڭ بىر ئائىلىدۇر (زەبۇر 133:1؛ يۇھاننا 10:16). بۇ زور بىر توپ خالايىق قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېڭى دۇنيا ھەققىدىكى ئۈمىد بەرگۈچى ھەقىقەت سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىشكە دائىم تەييار (مەتتا 28:19، 20؛ ۋەھىي. 14:6، 7؛ 22:17). ئەگەر سىز بۇ زور بىر توپ خالايىق ئارىسىدا بولسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى يېقىنلىشىۋاتقان يېڭى دۇنيا ھەققىدىكى ئۈمىدنى بەك قەدىرلەيسىز.
3. شەيتاننىڭ مەقسىتى نېمە؟
3 ئىبلىس كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزنى يوق قىلىشنى خالايدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلمايدىغانلىقىغا ۋە ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە قايىل قىلىشتۇر. ئەگەر شەيتان ئۈمىدىمىزنى يوق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، جاسارىتىمىزنى يوقىتىپ، ھەتتا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، شەيتان ئايۇپ پەيغەمبەرنى ئۈمىدىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۇنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
4. بۇ ماقالىدە بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (ئايۇپ 1:9–12)
4 بۇ ماقالىدە، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: شەيتان ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بۇزۇش ئۈچۈن قانداق ھىيلە-مىكىرلەرنى قوللانغان؟ (ئايۇپ 1:9–12-نى ئوقۇڭ). ئايۇپتىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ خۇدانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى نېمە ئۈچۈن ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
شەيتان ئايۇپنى ئۈمىدىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغان
5، 6. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئايۇپ پەيغەمبەر قانداق ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن؟
5 ئايۇپ ئائىلىسى بىلەن شاد-خۇرام ھايات كەچۈرەتتى. ئۇ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خۇشاللىق تاپقانىدى. ئايۇپنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە بايلىقى كۆپ ئىدى (ئايۇپ 1:1–5). بىراق، بىر كۈن ئىچىدىلا، ئايۇپ بارلىق نەرسىلىرىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. ئاۋۋال، ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلغان (ئايۇپ 1:13–17). كېيىن، سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ باشتىن ئۆتكۈزگەن پاجىئە ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ! ئادەتتە بىر پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتسە، ئاتا-ئانا ئۈچۈن بەك چوڭ زەربە بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئون بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئايۇپ ۋە ئايالىنىڭ چەككەن قايغۇ-ھەسرەت، ئازابلىق ياشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. شۇڭا، ئايۇپنىڭ كىيىمىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس!—ئايۇپ 1:18–20.
6 شەيتان كېيىن، ئايۇپنى ئېغىر بىر كېسەل بىلەن ئاغرىتىپ، نام-ئابرويىغا داغ تەككۈزگەن (ئايۇپ 2:6–8؛ 7:5). ئايۇپ ئىلگىرى ئۆز يۇرتداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، نام-ئابرويلۇق كىشى بولغان ئىدى. ئادەملەر ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ كېلەتتى (ئايۇپ 31:18). ئەمدى ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان. قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، ھەتتا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىدى.—ئايۇپ 19:13، 14، 16.
7. (1) ئايۇپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نېمە ئويلىغان، بىراق نېمە قىلىشنى رەت قىلغان؟ (2) خۇددى ئايۇپ ۋە ئايالىغا ئوخشاش، خۇدانىڭ خىزمەتچىسى قانداق سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟
7 شەيتان ئايۇپنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرمەكچى بولغان: يەھۋانىڭ ئايۇپتىن كۆڭلى سوۋۇغاچ، بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، شەيتان ئايۇپنىڭ ئون بالىسى زىياپەت قىلىپ ئولتۇرغان ئۆينى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن دەھشەتلىك قارا بوراندىن پايدىلانغان (ئايۇپ 1:18، 19). ئۇ يەنە ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈپ، ئايۇپنىڭ قويلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى قويلىرىنى باققان خىزمەتكارلىرىنى ھالاك قىلغان (ئايۇپ 1:16). قارا بوران ۋە ئوت ئاسماندىن كەلگەچ، ئايۇپ پەيغەمبەر ئۇلار يەھۋا خۇدادىن كەلگەن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئايۇپ پەيغەمبەر چوقۇم خۇدانى رەنجىتىپ قويۇپتىمەن دەپ ئويلاشقا باشلىغان. بىراق، ئۇ ئەرشتىكى ئاتىسىغا لەنەت ئوقۇشنى قەتئىي رەت قىلغان. ئايۇپ ئۆمۈر بويى يەھۋادىن سان-ساناقسىز بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ خۇدادىن كەلگەن پەقەت ياخشىلىقلار ئەمەس، يامانلىقلارنىمۇ قوبۇل قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلىغان. ئايۇپ مۇنداق دېگەن: «يەھۋانىڭ ئىسىمىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن!» (ئايۇپ 1:20، 21؛ 2:9، 10). گەرچە ئايۇپ پەيغەمبەر مال-دۇنياسىدىن، بالىلىرىدىن ۋە ساغلام تەندىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالغان. بىراق، شەيتان بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىغان.
8. شەيتان ئايۇپقا قارشى قانداق ھىيلە-مىكىردىن پايدىلانغان؟
8 شەيتان يەنە بىر ھىيلە-مىكىردىن پايدىلانغان. ئۇ ئايۇپنىڭ ساختا ئۈچ دوستىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ نام-ئابرويىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئاشۇ كىشىلەر ئايۇپ كۆپ خاتا ئىشلارنى قىلغاچقا، قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ دېگەنىدى (ئايۇپ 22:5–9). ئۇلار ئايۇپنى، ئۇ مەيلى قانچىلىك كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسۇن، خۇدا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ، دەپ ئىشىنىشكە قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان (ئايۇپ 4:18؛ 22:2، 3؛ 25:4). ئەسلىدە، ئاشۇ كىشىلەر ئايۇپقا شۇنداق دېگەنىدى: خۇدا سېنى سۆيمەيدۇ. ساڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىڭ خۇدانىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەس. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بەلكىم ئايۇپ ئۆزىنى ئۈمىدسىز ھېس قىلغان.
9. ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ باتۇر ۋە جاسارەتلىك بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
9 مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئايۇپ كۈلنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، داۋاملىق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ (ئايۇپ 2:8). ئۈچ ساختا دوستى ئۇنى يامان ئىش قىلدىڭ دەپ توختىماي ۋالاقلاپ، ئۇنىڭ نام-ئابرويىغا داغ تەگكۈزۈش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سۆيۈملۈك بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئايۇپقا سىناقلار ئېغىر يۈكتەك بولۇپ، قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتىدۇ. دەسلەپتە، ئايۇپ جىمجىت، سۆز قىلماي ئولتۇرىدۇ (ئايۇپ 2:13–3:1). ئۈچ ساختا دوستى ئايۇپنىڭ جىمجىت ئولتۇرغانلىقىنى، ياراتقۇچىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئۇلار خاتالاشقانىدى. چۈنكى، بىر ۋاقىتتا، ئايۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ ساختا دوستىغا قاراپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلۈگىچە توغرىلىقىمدىن ۋاز كەچمەيمەن» (ئايۇپ 27:5). ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قارىماي، باتۇر ۋە جاسارەتلىك بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ ھەتتا چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن بولسىمۇ، كۆيۈمچان خۇدانىڭ ئۇنى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ، ھەرگىزمۇ ئۈمىد ئۈزمىگەن. ئايۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، يەھۋانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن.—ئايۇپ 14:13–15.
ئايۇپنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10. ئايۇپنىڭ مىسالىدىن نېمە ئۆگەندۇق؟
10 ئايۇپنىڭ مىسالىدىن شۇنى ئۆگەندۇقكى، شەيتان بىزنى يەھۋا خۇدادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىيالمايدۇ ۋە ياراتقۇچىمىز ھەربىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ. ئايۇپنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى يەنە مۇھىم بىر ئىشنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئايۇپنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
11. يەھۋاغا داۋاملىق ئۈمىد باغلىساق، نېمىگە ئىشەنچىمىز كامىل بولىدۇ؟ (ياقۇپ 4:7)
11 ئايۇپنىڭ مىسالى شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، داۋاملىق يەھۋاغا ئۈمىد باغلىساق، ھەرقانداق سىناقلارغا سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيمىز. نەتىجىدە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئىبلىس بىزدىن قاچىدۇ.—ياقۇپ 4:7-نى ئوقۇڭ.
12. ئايۇپنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدى ئۇنىڭغا قانداق كۈچ بەرگەن؟
12 بىز تىرىلىش ئۈمىدىگە قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، شەيتان ئۆلۈم قورقۇنچىسى بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شەيتان ھەتتا شۇنداق جار سالغان: ئايۇپ ئۆز جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ، ھەتتا خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن توختايدۇ. شەيتان خاتالاشقانىدى. ھەتتا ئايۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇ يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالغان. ئايۇپ يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە بىر كۈنى ھەممە ئىشلارنى ئۆز يولىغا سېلىپ، ئادالەتنى ئورنىتىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىغان. بۇلار ئايۇپنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بەرگەن. ئايۇپ ھايات ۋاقتىدا شۇ كۈننى كۆرەلمىسە، يەھۋا كېلەچەكتە چوقۇم ئۇنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئايۇپ تىرىلىش ئۈمىدىگە ھەقىقەتەن قەتئىي ئىشەنگەن. ئەگەر بىزمۇ بۇنداق كۈچلۈك ئۈمىد باغلىساق، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتىمۇ بىزنى ساداقەتمەنلىكىمىزدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ.
13. نېمە ئۈچۈن بىز شەيتاننىڭ ئايۇپقا قارشى قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟
13 بىز چوقۇم شەيتاننىڭ ئايۇپقا قارشى قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، شەيتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش ھىيلە-مىكىرلەرنى قوللىنىدۇ. شەيتان قانداق ئەيىبلەشنى ئوتتۇرغا چىقارغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇ: «ئادەم [پەقەت ئايۇپ ئەمەس] ھەممە بار نەرسىلىرىنى ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ»،— دېگەن (ئايۇپ 2:4، 5). ئەسلىدە، شەيتان بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، بىزنى يەھۋانى سۆيمەيدۇ، ئەگەر ھاياتى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلسە، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ كېتىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، شەيتان يەھۋانى بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزغا پەرۋا قىلمايدۇ، دەپ جار سالىدۇ. بۇ ھەققىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىكەنمىز، يەھۋاغا مەھكەم ئۈمىد باغلىساق، شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ئالدانمايمىز.
14. سىناقلار ئۆز-ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 بىز سىناقلارنى ئۆز-ئۆزىمىزنى چۈشىنىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىشىمىز كېرەك. ئايۇپ دۇچ كەلگەن سىناقلار ئۇنىڭغا ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇلارنى تۈزىتىشىگە ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ تېخىمۇ كەمتەر بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن (ئايۇپ 42:3). بىزمۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆز-ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنەلەيمىز. تەن-سالامەتلىكى ناچار بولۇشىغا قارىماي، تۈرمىگە تاشلانغان نىكولاي c ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «تۈرمىدە بولغان ۋاقتىم ئۆز مىجەز-خۇلقۇم ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزۈمنى قايسى جەھەتلەردە ئۆزگەرتىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە كۆپ ياردەم بەردى». ئۆز ئاجىزلىقلىرىمىزنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىنلا، ئۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالايمىز.
15. بىز كىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
15 بىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئەمەس، ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. خۇدا ئايۇپقا سۆزلىگەندە، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ، دىققەت بىلەن تىڭشىغان. يەھۋا ئايۇپنىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان سوئاللارنى قويغان. خۇدا ئەمەلىيەتتە شۇنداق دېگەنىدى: «مەن بارچە كائىناتنى ياراتتىم، كۈچ-قۇدرىتىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ سەن باشتىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىم بار. مەن ساڭا كۆڭۈل بۆلمەي قالارمەنمۇ؟» ئايۇپ يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سەن ھەققىدىكى گەپلەر قولىقىمغا يەتكەن ئىدى. ئەمما، ھازىر ئۆز كۆزۈم بىلەن سېنى كۆرۈپ تۇرىمەن» (ئايۇپ 42:5). بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا، ئېھتىمال ئايۇپ تېخىغىچە كۈل ئارىسىدا ئولتۇرغان، بەدەنلىرىنى جاراھەتلەر قاپلاپ كەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرى ئۈچۈن ھېلىھەم قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئايۇپ يەھۋانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.—ئايۇپ 42:7، 8.
16. يەشايا 49:15، 16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
16 بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا، بەزىلەر بىزنى ھاقارەتلىشى ۋە ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار بىزگە ياكى تەشكىلاتىمىزغا تۆھمەت قىلىپ، نام-ئابرويىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن (مەتتا 5:11). ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ مىسالىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، يەھۋا ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر. ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ (يەشايا 49:15، 16-نى ئوقۇڭ). خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ تۆھمەتلىرىگە پەرۋا قىلماڭ! ئائىلىسى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان جېيمىس مۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇدا خەلقى توغرىسىدىكى يالغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاش كىشىنى بەك چۈشكۈنلەشتۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. شۇڭا، دىققىتىمىزنى خۇدا پادىشاھلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىزگە ۋە قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا قاراتتۇق. نەتىجىدە، بىز خۇشاللىقنى ساقلاپ قالالىدۇق». خۇددى ئايۇپقا ئوخشاش، بىز يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا دۈشمەنلەرنىڭ يالغانچىلىقلىرى بىزنى ئۈمىدىمىزدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ!
ئۈمىدىڭىز سىزگە كۈچ بېرىدۇ
17. ئىبرانىيلار 11-بابتا تىلغا ئېلىنغان سادىق ئەر ۋە ئاياللاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟
17 خۇدانىڭ نۇرغۇن ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى جاسارەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. ئايۇپ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە، بۇ خىزمەتچىلەرنى چوڭ بىر گۇۋاھچىلار بۇلۇتى دەپ ئاتىغان (ئىبرانىي. 12:1). ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ۋە ئۆمۈر بويى خۇداغا سادىق بولۇپ قالغان (ئىبرانىي. 11:36–40). ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋر-تاقىتى ۋە ئەجىر-مېھنىتى بىكارغا كەتكەنمۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، ياق! گەرچە ئۇلار خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، يەھۋاغا داۋاملىق ئۈمىد باغلىغان. ئۇلار يەھۋانىڭ ئۇلاردىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇڭا، ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن (ئىبرانىي. 11:4، 5). بىزمۇ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، داۋاملىق يەھۋاغا مەھكەم ئۈمىد باغلايلى!
18. سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟ (ئىبرانىيلار 11:6)
18 دۇنيا بارغانسېرى تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ (2-تىموت. 3:13). شەيتان بولسا خۇداغا خىزمەت قىلدىغان كىشلەرنى سىناشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. كېلەچەكتە قانداق سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈشىمىزدىن قەتئىينەزەر، تىرىك خۇداغا مەھكەم ئۈمىد باغلاپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا بار كۈچىمىزنى چىقىرىشقا قەتئىي بەل باغلايلى (1-تىموت. 4:10). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا ئايۇپ پەيغەمبەرگە ئۆزىنىڭ «مېھىر-شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (ياقۇپ 5:11، ي.د). ئۇنداقتا، بىزمۇ خۇددى ئايۇپتەك يەھۋانى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ، ياراتقۇچىمىزغا سادىق بولۇپ قالايلى!—ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ.
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
a ئېغىر سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ ئۈلگىسى ئېسىمىزگە چۈشىدۇ. بۇ سادىق كىشىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟شەيتاننىڭ بىزنى يەھۋا خۇدادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. بىز يەنە يەھۋانىڭ ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. خۇدا ئايۇپ ئۇچرىغان سىناقلارنى توختاتقاندەك، ھامان بىر كۈنى چوقۇم بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى توختىتىدۇ. يەھۋانىڭ بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلغانلىقىمىزنى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن كۆرسەتسەك، يەھۋاغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى تەلمۈرۈپ كۈتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: ئادەتتە ئۈمىد دېگەن ئىبرانىي سۆزى بىر نەرسىنى تۆت كۆز بىلەن تەلمۈرۈپ كۈتۈشنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇ سۆز بىرسىگە ئىشەنچ قىلىش ۋە تايىنىشنى بىلدۈرىدۇ.—زەبۇر 25:2، 3؛ 62:5.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.